مەتىن كۈلۈنك گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنى قارىلاۋاتقانلىقىغا رەددىيە بەردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مەتىن كۈلۈنك فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ئىشغالىيەت ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، گېرمانىيە مېدىيالىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا تۈركىيەنى قارىلاش سەپەرۋەرلىكى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەتىن كۈلۈنك گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنى قارىلاۋاتقانلىقىغا رەددىيە بەردى

تۈركىي ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئويدۇرما خەۋەرلەر بىلەن تۈركىيەنى قارالاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مەتىن كۈلۈنك، ئۆزى ھەققىدە گېرمانىيە مېدىيالىرىدا چىققان خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «شەخسىي نامىمدىن ياكى پارتىيەم نامىدىن مەن قاتناشقان ھېچ بىر يېغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەت قانۇنسىز ئەمەس. ھېچقانداق قانۇنسىز پائالىيەت بولۇپ باقمىدى، بۇ جەھەتتە بىرەر نىيەت ياكى تىرىشچانلىقمۇ كۆرۈلۈپ باقمىدى. بەلكى دەل ئەكسىچە، ھەر دائىملىق پائالىيەتلەردە ئۇچۇق - ئاشكارىلىق ئالدىنقى پىلاندا تۇرۇپ كەلدى» دېدى.

مەتىن كۈلۈنك ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، گېرمانىيەدىكى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى پىروگراممىدا، ئۆزىگە ئىما قىلغان ھالدا «ئەردوغاننىڭ يېقىن سەپدىشى، گېرمانىيەدە نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. مىللىيەتچى گۇرۇپلار ئارقىلىق تەھدىت سالدۇرماقتا ۋە قورال ئالدۇرماقتا» دېگەندەك خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. گېرمانىيەدە يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ خىل ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئەسلىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا نىسبەتەن خەلقنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەتىن كۈلۈنك، بۇ خەۋەلەرنىڭ باشتىن ئاخىرىگىچە پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەتىن كۈلۈنك ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرى باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە نۇرغۇن قېتىم ياۋروپادا ساياھەتتە بولغانلىقىنى، بىراق بۇ مەزگىلدە ھېچ بىر مەسىلىدە بىرەر قېتىممۇ تەنقىد ياكى ئەيىبلەشكە ۋەياكى تەكشۈرۈشكە ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تەخمىنەن 3 يىل بويىچە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدۇم. بارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدىم. ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، پىكىر بايان قىلىش ياكى ۋەتەنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدىم. ئەينى چاغدا بۇ ئىشلاردىن ھېچبىر جىنايەتنى ئۈندۈرۈپ باقمىغان گېرمانىيە دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە نېمە بولۇشتىكى، 2016 يىلى 15ئىيۇلدىكى ئىشغالىيەت ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، ئۆزىچىلا تەكشۈرۈش باشلاپ قاپتۇ؟» دېدى.

مەتىن كۈلۈنك بۇ قارىلاش سەپەرۋەرلىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تىپىك ئويدۇرما جىنايەت تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە گېرمانىيەنىڭ تېررورچىلارنى ھېمايە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر