ئىستانبۇلغا بۇ كۆز بىلەن قارىدىڭىزمۇ؟ («دۇنياغا نەزەر» گە مۇقەددىمە)

«دۇنيا كۆزنىكى» (01)

ئىستانبۇلغا بۇ كۆز بىلەن قارىدىڭىزمۇ؟ («دۇنياغا نەزەر» گە مۇقەددىمە)

ئىستانبۇلغا بۇ كۆز بىلەن قارىدىڭىزمۇ؟ («دۇنياغا نەزەر» گە مۇقەددىمە)

ئىستانبۇلغا بۇ كۆز بىلەن قارىدىڭىزمۇ؟ («دۇنياغا نەزەر» گە مۇقەددىمە)

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۆۋەندە 2018 – يىلى بويىچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «دۇنياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى يەنى دەسلەپكى سانىدا، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ خىلمۇخىل تېما ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئانالىزلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. بۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ جەريانلىرى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتسەك قانداق دەيسىلەر....

* * * *

ئەسلىدە يېزىقچىلىق يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئاتلىنىدىغان سەپەر بولۇپ، بۇ سەپەرداشلىقىمىز ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت، سۆيگۈ ۋە ئىشەنچنى تەقەززا قىلىدۇ.

يېزىش جاسارەت ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغان چاغدا پۈتۈن تەجرىبىلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزىڭىزنى، پىكرىڭىزنى ۋە قەلبىڭىزنى ئېچىشىڭىز لازىم. يېزىش بىر تەرەپلىمە مەكتۇپ ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەنلەردىن كېلىدىغان ئىنكاسلارنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلىشىشتۇر.

يېزىش بايقاشتۇر. شۇنچە ئۇزۇن يىللارنىڭ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ۋە ئوقۇغانلىرىڭىزدىن چىقىرىلغان خۇلاسە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بىر سەپەر ۋە ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا قاراپ تاشلانغان قەدەمدۇر.

يېزىش ئۈزلۈكسىز بىر سەپەر بولۇپ باشلىغان چېغىڭىزدا نېمىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيسىز. يازغاندىن كېيىن قانداق ئىشلارغا ئۇچرايدىغانلىقىڭىزنى، قايسى ئۆتەڭلەردىن ئۆتۈپ قانداق تەسىرلەرنى قالدۇرىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلەلمەيسىز.

بىز بۇ سەپىرىمىزدە سىلەر بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردا توختايمىز ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. بەزىدە بالقان ئەللىرىنى، ئوتتۇرا شەرقنى، كاۋكازنى ئافرىقىنى ۋە كۆڭۈل جۇغراپىيەلىرىمىزنى كۈنتەرتىپىمىزگە كىرگۈزسەك، بەزىدە پەلەستىن، قىرىم، ئاھېسكا، مورو، ئاراكان ۋە تۈركىستان قاتارلىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جايلارنىڭ ئاھۇ – پەريادلىرىغا قۇلاق سالىمىز. يەنە بەزىدە ياۋروپادىكى پەرزەنتى تارتىۋېلىنغان بىر ئائىلىنىڭ، غەرب ئەللىرىدە چەتكە قېقىلغان بىر كۆچمەننىڭ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يول تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ياشنىڭ ساداسى بولىمىز. تىلى، دىنى، رەڭگى ۋە ئىرقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەتنىڭ  دەردىدە پۇچۇلىنىۋاتقان دۇنيادىكى ۋىجدانلىق ئىنسانلارغا چاقىرىق قىلىمىز. چۈنكى غەربنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ئادەمنى تولىمۇ قايغۇغا سالىدىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

بىراق ھەممىلا ئەھۋالدا دۇنيا پەنجىرىسىدىن تۈركىيەگە نەزەر سېلىشقا تىرىشىمىز. تۈركىيەنىڭ مەسىلىلىرىگە ئەمەس، دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىگە ماقالىمىزدا ئورۇن بېرىشكە ۋە ئۇنى تۈركىيەگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا ئىچكى كۈنتەرتىپلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ، خەلقئارادىكى يېڭى ئەھۋاللاردىن ئۇزاقلىشىپ كېتىپ قالىمىز. باشقا دۆلەتلەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلمىگەنلىكىمىز تۈپەيلى باسقان مۇساپىلىرىمىزنىمۇ كۆرەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. داۋاملىق ئىچكى كۈنتەرتىپ بىلەن بوغۇشۇپ يۈرۈش  دۇنيا ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ۋە كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنىڭ بىزگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلىشىمىزگە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. بىز ۋارىسلىق قىلىۋاتقان مىراسلار بېشىمىزنى كۆتۈرۈشىمىزنى، دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىشىمىزنى ۋە تۈركىيە پەنجىرىسىدىن قارىغان ھالدا، بىزگە باغلانغان ئۈمىدلەرنى ياشنىتىشىمىزنى تەقەززا قىلماقتا.

ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قۇرلاردا لوپا ئەينىكىمىزنى قەيەرگە قويۇپ قەيەردىن دۇنياغا نەزەر سېلىشىمىز لازىم؟

دەرۋەقە، بۈگۈنكى دۇنياغا قارىغىنىمىزدا 3 ئاساسلىق مەسىلە بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئادالەتسىزلىك، ھەمبەھىرلىشەلمەسلىك، (يەنى ئىنسابسىزلىق) ۋە ھەر خىل  مەدەنىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە ياشىيالماسلىق.

ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن دەرد – ئەلەملىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى مانا بۇ 3 چوڭ مەسىلە ئاستىغا توپلاشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا نامزات بولالىغۇدەك ئۆتمۈش تەجرىبىلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەنگە ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرغان، قوشنىسىنىڭ ئاچلىقىنى ئويلىغان، مەيلى قايسى تىل، قايسى ئىرق، قايسى تەن رەڭگىگە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇنۇس ئەمرەگە ئوخشاش، يارالغۇچىلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن سۆيگەن بىر ئەنئەنە بارمۇ؟

ئەگەر ئىنسانىيەتنىڭ مانا شۇنداق بىر ئەنئەنىسى بارلا بولىدىكەن، بىزنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولمىغان، سىناق قىلىنمىغان، پىكىرلەر ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى سىناق قىلىنغان ۋە بىزنى ساق - سالامەت مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان ئەنە شۇ ئەنئەنە ئاساسىدا يۈرۈشىمىز لازىم.

ئادالەت، ئورتاقلىشىش ۋە كۆپ خىللىشىش نۇقتىسىدىن ھەر ھالدا غەرب مەدەنىيىتىدە بىز بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىلەر تولىمۇ چەكلىك. بۇ جەھەتتە بىزگە ئۆز مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ ياخشى يول باشلىغۇچى بولىدۇ.  خوراساندىن بالقانلارغىچە بولغان مىڭ يىللىق سەپىرىمىز، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن يولىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر ماياكقا ئوخشايدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئىستانبۇلنىڭ تېخى يۈز يىل ئىلگىرىكى چاغلارغىچە دۇنيانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ئەڭ ئىلغار يەر شارىلاشقان شەھىرى بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز.  ھەرقانداق بىر قاراش، ئېقىم، ئىدېئولوگىيە ، پىكىر شەخسلەر يالغۇز ياشايدىغان يىراق يېزا كەنتلەردە ياكى كىچىك شەھەرلەردە ئەمەس، بەلكى ھەر تۈرلۈك ئوخشىماسلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ياشىيالايدىغان مۇھىتتا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ. چۈنكى بۇ خىل قاراشلار، ئوخشىماسلىقلار ۋە زىت قاراشلار بىردەك مەۋجۇت مۇھىتتا ئۆزلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ دائىرىدە ئىستانبۇل مەشرۇتىيەت ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ناھايىتى پەرقلىق پىكىرلەر بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان ۋە ئۆزلىرىنى ئەركىن – ئازادە ئىپادىلىيەلىگەن بىر ماكاندۇر. ئىستانبۇل، ئىمپېرىيەنىڭ مۇسۇلمان (تۈرك، ئەرەب، كورد، ئالبان، بوشناق...) ۋە غەيرىي مۇسۇلمان (خىرىستىيان، يەھۇدىي، ئەرمەنى...) قاتارلىق بارلىق مەنسۇپلىرى بىر يەرگە پېتىشالىغان بىر مۇھىت ۋە ئىمكاندۇر. بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىستانبۇلنىڭ نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ھالدا بەس – مۇنازىرە قىلىش بىرىكمىسىگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش بىلەرمەنلىك ھېسابلانمايدۇ.

20- ئەسىردە ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن ياتلىشىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى سۈپىتىدە تۈركىيەلىك زىيالىيلار غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى. يەنە يېقىنقى دەۋرلەردە مىسىر، ئىران، پاكىستان دېگەندەك ئەللەردىكى پىكرىي ھەرىكەتلەردىنمۇ ئىلھام ئالدى. ئەلۋەتتە غەرب ۋە شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەقىب قىلىش، پەرقلىق پىكرىي قاراشلار بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنى مۇھاكىمە قىلىش بىر خىل ئۇتۇق ئىدى. بىراق، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلغان تۈركىيەلىك زىيالىيلارنىڭ يېقىنقى زاماندا ئوخشاش بولمىغان قاتلاملار بىرلىكتە ياشىيالىغان ۋە بۇ ۋەجىدىن ئەڭ كەڭ پىكرىي چوڭقۇرلۇقنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغان ئىستانبۇل ۋە ئۇ يەردىكى دەتالاشلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە قىلغانلىقىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. جۇمھۇرىيەت دەۋرى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئۈستىگە ئارتىلغان يوپۇق ئەپسۇسكى تا ھازىرغىچە تەلتۆكۈس ئېلىپ تاشلانغىنى يوق.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار ئۆز كىملىكلىرى بىلەن ئەركىن – ئازادە ياشىيالايدىغان، چەتكە قېقىلمايدىغان، باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ دەرتلىرى ئۈچۈن قايغۇرىدىغان قانچە شەھەر باردۇ؟ شۇڭا، نۆۋەتتە ئېھتىياجىمىز چۈشۈۋاتقان «مەسىلىلەرگە ئىچكى قىسىمدىن قاراپ چارە تېپىش» نىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ يېقىن يولى ئىستانبۇل بىرىكمىسىدۇر، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بىرىكمە، بىز دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان شەكىلدە ئۈستى يېپىق بىر ماياك مىسالى ئوتتۇرىدا تۇرماقتا. بەلكى، داڭلىق تارىخچى توينبې كۆزدە تۇتقان «توختىتىلغان مەدەنىيەت» ئىستانبۇل بىرىكىمىسى بولۇشى مۇمكىن.

«توختىتىلمىغان» دەۋرلىرىدە شەرق ۋە غەرب بىرىكمىسىگە ئىگە بولغان ئىستانبۇل، نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشتىمۇ بىزگە باشلامچىلىق قىلالايدۇ. بىراق نۆۋەتتە بىزمۇ بۇ بىرىكمىدىن كۈچلۈك رەۋىشتە ئېغىپ كەتتۇق... ئۇنىڭغا قايتىشقا، ئۇ يەردىن باشلاپ ئىلگىرىلەشكە ئېھتىياجىمىز بار.

بۇ سەھىپە مانا مۇشۇنداق بىر سەپەر ئۈچۈن... بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق مول بىرىكمىسىنى بايقاش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ نۇرى ئاستىدا دۇنياۋى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن... ئاجرىتىلدى.

بۇ قۇرلار كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. دۇنيانىڭ قەيىرىدە قايسى تىل، قايسى دىن، قايسى رەڭ ۋە ئېتىقادقا مەنسۇپ بولسا بولسۇن، بۇ دۇنياۋى سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەنمۇ تەييار، دېسىڭىز، كېلىڭ بىرلىكتە ئاتلىنايلى. يولىمىز ئۇزۇن زامانىمىز قىس... قېنى ئاتلاندۇق...

ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈل



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر