باش ئىشتاب باشلىقى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە ياردەم بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

باش ئىشتاب باشلىقى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە،  تۈركىيەنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا دەلىللەر نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ي پ گ گە «ھەربىي ھەرىكەت ھەمراھى» سۈپىتىدە قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بېرىلىشى ۋە قوراللاندۇرۇلىشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى  بولغان ۋە ئوچۇق - ئاشكارا دەلىللەر نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ي پ گ گە <ھەربىي ھەرىكەت ھەمراھى> سۈپىتىدە قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بېرىلىشى ۋە قوراللاندۇرۇلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز.»

ئاقار ناتو ئەزالىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرىغا خىتابەن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئايرىمچىلىق قىلماسلىقى لازىم. دەرۋەقە، دائېشقا قارشى كۈرەش قانداق مۇھىم بولسا، پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى  كۈرەشمۇ شۇنداق مۇھىمدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر