چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە چاقىرىلغان «شىمالىي كورېىيە كىرىزىسى» سەرلەۋھىلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە قارىتا ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ سۈرىيەدە پەقەت ئافرىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، مۇنبىچ ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغان پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى باشچىلىقىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەشكىل قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان «چېگرا بىخەتەرلىك كۈچى» مەسىلىسىدە تىللېرسون بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئاتالمىش <چېگرا بىخەتەرلىك كۈچى> تەشكىل قىلىنسا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ.»

چاۋۇشئوغلۇ تىللېرسون بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ گە بېرىۋاتقان ياردىمى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئافرىنغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىلىقمۇ كەسپداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافرىندىكى ي پ گ /پ  ك ك تېررورسىتلىرىنىڭ ھەم ئىدلىبتىكى كۆزەتكۈچىلىرىمىزگە ھەم تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇلتۇر ئېلىپ بارغان <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ئەسكەرلىرىمىزگە ھەم ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىغا ھەمدە تۈركىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىزگە ھېچكىمنىڭ قارشى چىقماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتۇق. ي پ گ / پ ك ك غا قارىتا ئالىدىغان تەدبىرلىرىمىز پەقەت ئافرىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، مۇنبىچ ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىنغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى توغرۇلۇق  سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. مىنىستىر ماتىس تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىدىغان شەخس. مەن ئۇنىڭغا ئاتالمىش <تېررورلۇق كۈچى> تەشكىل قىلىنغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ماتىسمۇ كاناداغا كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەم بىز بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر