ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك /پ ي د ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئاتالمىش «چېگرا بىخەتەرلىكى قىسمى» تەشكىل قىلىش تەرىقىسىدىكى باياناتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. ئەردوغان ستولتېنبېرگقا تۈركىيەنىڭ بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا قىلچە پايدىسى يوق. جۈملىدىن بەزى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە سۈرىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئىشلىتىپ، مىللىي بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن  ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.»

بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ بولسا، ئۆزىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن قوغدىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئاتالمىش «چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىسمى» تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدە ھېچكىمنىڭ ئۆزلىرىگە مەسلىھەت سالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ قارشى تەرىپىدە قانداقتۇر بىر تېررورلۇق كۈچى تەشكىل قىلىنىشىغا ئەسلا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە ھەر سەۋىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، ستولتېنبېرگ بولسا كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلار ئارا دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر