ئەنقەرە: ئەگە دېڭىزىدىكى تۈركىيە - گىرېتسىيە سۈركىلىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز

ئەنقەرە، ئەگە دېڭىزىدىكى گىرېتسىيە - تۈركىيە سۈركىلىشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنقەرە: ئەگە دېڭىزىدىكى تۈركىيە - گىرېتسىيە سۈركىلىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، كارداك قىيالىقلىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكتىن كېيىن بايانات بېرىپ، «مىنىستىرلىقىمىز مەسلىھەتچىسى، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپىغا تېلېفون قىلىپ، ئەگەدىكى سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى روشەن ئىپادىلەپ ئۆتتى» دېدى.

ئاقسوي، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ، «گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 13 – فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كارداك قىيالىقلىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خەتەرلىك ھادىسە توغرىسىدا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپىنىڭ مىنىستىرلىقىمىز مەسلىھەتچىسىگە «كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەپسۇسكى، گىرېتسىيە تەرەپ بۇ بايانات ئارقىلىق ھەم بىز كۆنۈپ كەتكەن شەكىلدە ئۆز خەلقىنى قايمۇقتۇرماقتا ھەم ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىماقتا.

ئەمەلىيەتتە، مىنىستىرلىقىمىز مەسلىھەتچىسى دۆلىتىمىزگە تەۋە كارداك قىيالىقلىرى ئەتراپىدا تۈنۈگۈن كېچە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى كېمىلىرىنىڭ خەتەرلىك رەۋىشتە ھەرىكەت قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر توغرىسىدا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپىغا تېلېفون ئېلىپ، گىرېتسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەقىبلەرچە ھەرىكەتلىرىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇلارغا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى، ئەگەدىكى يىرىكچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر