چاۋۇشئوغلۇ: ئافغانىستاندا تالىباننى قوللىغانلار ئەمدىلىكتە ئۆزلىرى تالىبان بىلەن بوغۇشماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەدە، 54 – نۆۋەتلىك خەلقئارا بىخەتەرلىك كونفېرانسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنى تەنقىدلەشنى داۋاملاشتۇردى.

چاۋۇشئوغلۇ: ئافغانىستاندا تالىباننى قوللىغانلار ئەمدىلىكتە ئۆزلىرى تالىبان بىلەن بوغۇشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئايرىمچىلىق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «بىر تەشكىلاتقا قارشى يەنە بىر تەشكىلاتنى قوللاش ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىرادىمىز قەتئىي. دائېش ياكى باشقا ھەر قانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارىسىدا ئايرىمچىلىق قىلىش ئەڭ ئېغىر خاتالىقتۇر. ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارقىلىق قوللاشنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ خاتالىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئافغانىستاندا رۇسىيەگە قارشى تالىباننى قوللىغانلار مانا ئەمدىلىكتە ئۆزلىرى ئەشۇ تالىبان بىلەن بوغۇشۇپ يۈرمەكتە. بىر دۆلەتكە قارشى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاش ئەڭ ئېغىر خاتالىقتۇر. ئامېرىكا ي پ گ نى نېمە ئۈچۈن قوللاۋتىدۇ؟ دائېشنى يېڭىش ئۈچۈن. بىراق راققەدە بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق ھەمكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى، ي پ گ ۋە دائىش تېررورچىلىرى بىرلىشىپ، تۈركىيەگە قارشى قانداق ئۇرۇش قىلغانلىقىنى كۆردۇق. بىزنىڭ ئىتتىپاقداشىلىرىمىز مانا شۇنداقلار بىلەن ھەمكارلاشماقتا. بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز.  تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى يوقۇتۇلۇشى لازىم. ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن سۈرىيە ئۈچۈن ئۈستەلگە ئولتۇرغاندا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئارىمىزدا كۈنتەرتىپ ئوخشىماسلىقى يۈز بەرمەسلىكى لازىم. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزدۇق. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر