تۈركىيەنىڭ دائىشقا قارشى كۈرەشلىرى جەريانىدا نېمىلەر بولدى؟

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان دائىشقا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ دائىشقا قارشى كۈرەشلىرى جەريانىدا نېمىلەر بولدى؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن دائېشنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلغاندىن  بۇين ئۇلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. 

دائېش تۈركىيەدە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە جەمئىي 14 قېتىم چوڭ تىپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.  بۇ  ھۇجۇملاردا 10 نەپەر ساقچى ۋە 1 ئەسكەر بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 304 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 62 نەپەر ساقچى ۋە 7 ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي 1338 كىشى يارىدار بولدى.

بۇ قانلىق تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش خىزمەتلىرى جەريانىدا، ئالدىنقى يىلى 3840 چەت ئەللىك بىلەن قوشقاندا، جەمئىي 9350 چەت ئەللىك تېررورچى نازارەتكە ئېلىندى. 1337 چەتئەللىكنى قوشقاندا جەمئىي 3069 تېررورچى قولغا ئېلىندى.

بۇ تەشكىلاتقا ياردەم قىلىشنى نىشان قىلغان 12 جەمئىيەت پىچەتلەندى. 2564 ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تاقىۋېتىلدى.

33 شەھەردە 66 خەۋپ ئانالىز ئەترىتى قۇرۇلدى. بۇ ئەترەتلەر 17 مىڭ 500 گۇمانلىق چەت ئەللىك ئۈستىدە تەكشۈۈرش ئېلىپ باردى ۋە بۇلاردىن 4550 كىشى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 

تۇقۇنۇش رايونىغا بېرىشقا ئۇرۇنغان 99 دۆلەتتىن جەمئىي 4957 كىشى نازارەتكە ئېلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

146 دۆلەتتىن 53 مىڭ 781 كىشىگە تۈركىيە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلدى.

كۆچۈش دولقۇنىنى توسۇپ قېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ ئۆتۈش يوللىرىمۇ كېسىپ تاشلاندى.  

2015يىلى مارت ئېيىدىن ئىلگىرى گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كەتكەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر سانى ئەسلىدىكى 7000 كىشىدىن 40 كىشىگە چۈشتى.

يولغا قويولغان قاتتىق تەدبىرلەر ۋە ئىستىخباراتلار سايىسىدا 2016يىلىدىلا 22 قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر