ستولتېنبېرگ ت ر ت نىڭ ئالاھىدە مېھمىنى بولدى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ ت ر ت نىڭ ئالاھىدە مېھمىنى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ستولتېنبېرگ تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ ئالاھىدە مېھمىنى بولدى. ئۇ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرەسىدە، ت ر ت خەلقئارا خەۋەرلەر مۇدىرى ئەھمەت گۆرمەزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىغا قارشى قىلىنغان كۈرەش توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئاكتىپ بولغان گۇرۇپپىلار بار، تۈركىيە ناھايىتى كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، سۈرىيەدىكى رايونلار توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن كۆرۈشۈشنى چاقىرىق قىلىمەن. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە مەسىلىلەر بىلەن تولغان.»

ناتو باش كاتىپى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەنقەرە-ۋاشىنگتون لىنيەسىدىكى دىيالوگ توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ دائېشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىمىز. تۈركىيە مىليونلارچە مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئاچتى، ئەلۋەتتە بۇ، تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.

ئۇ شەنبە (14-ئاپرېل) سەھەردە ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كېرەك ئىدى، چەكلىك دائىرەدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن بۇ قەدەم تاشلىنىشى كېرەك ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ قېتىملىق زەربە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتمىدى. بىراق، قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەر سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال مىقدارىنى ئازايتىدۇ. ئوخىشاش ۋاقىتتا يەنە، ناھايىتى مۇھىم ۋە كۈچلۈك سىگنال بەرگەن بولدى.»

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەربىي يول بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر