باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيە ۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئالدى بىلەن گىرېتسىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ، ئەگە دېڭىزىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى ئۇچرىشىش بولدى.

ھۇلۇسى ئاقارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر