مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە پەلەسىتنلىك يارىدارلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشكە يول قويمىدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر رەجەپ ئاقداغ ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىرنىڭ پەلەسىتنلىك يارىدارلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرىدىغان ئايروپىلاننى قوندۇرۇشقا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە پەلەسىتنلىك يارىدارلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشكە يول قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر رەجەپ ئاقداغ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى ۋە باش مىنىستىرى تۇفان ئەرھۈرمان تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلىندى. ئاقداغ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پەلەستىندىكى يارىدارلارنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ياكى مىسىرغا ئايروپىلان قوندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر