سايلام باسقۇچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى

سايلام باسقۇچى بۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقا قۇتۇبلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولالمايدۇ؟

سايلام باسقۇچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى

سايلام باسقۇچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەدە ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى بىلەن سىياسىي پارتىيەلەر كۈچىنىڭ يېتىشىچە سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيە تارىخىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى باسقۇچىغا نەزر تاشلىغاندا، ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى، بەلكى تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىلمىي بىر باسقۇچنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدۇر.

 نۆۋەتتە، نامزاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئۇسلۇبتىكى باياناتلارنى، قۇتۇبلاشتۇرىدىغان، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلەرنى قىلىدىغان سايلام رىقابىيىتى دېگۈدەك كۆزگە چېلىقمايدۇ.

 بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى، سىياسىي پەنلەر فاكۇلېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز

بۇنىڭ سەۋەبى، %  1+50 لىك ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇرەسسەلەشمىسە قەتئىي بولمايدىغان بىر خىل سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىدۇر.

ئىلگىرىكى سايلاملارغا نەزەر تاشلانغىنىدا، تۈركىيە سىياسىتىدە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ % 20 لىك ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقالايدىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆزى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى قىيىن بولغان يولنى تاللاپ، دۆلەت باشلىقىنى % 1+50 لىك ئاۋاز بىلەن سايلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەم بۇ باسقۇچقا رەھبەرلىك قىلدى.

شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پارتىەلەرنىڭ پەقەت ئۆز تەرەپدارلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. نامزاتلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقالىشى ئۈچۈن ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشەلەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. جۈملىدىن، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، ئۇلارنى قايىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ دائىرىدە بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىغا، ھەددىدىن ئاشقان سۆزلەر ۋە باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان شەخشلەرگە چەكلىمە قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيەنى باشقۇرۇشنىڭ رايون خاراكتېرلىك قيىنلىقى نەزەردە تۇتۇتۇلغىنىدا، نامزاتلار ھەم سىياسىي پارتىيەلەر، سايلام سىستېمىسىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇرەسسەچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويمىسا زادى بولمايدۇ.

سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قېلىش ئېھتىماللىقى

خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچتا تاماملىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلسىمۇ، لېكىن، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ نامزاتلىرى سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قېلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

شۇڭا، نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ سايلاملارنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قېلىش ئېھتىماللىقى نامزاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنى تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ۋە سۆز قىلغاندا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. بولۇپمۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىقلا % 1+50 لىك ئاۋازغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقا پارتىيەلەر ھەم قىسمەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج.

بۇ ئەھۋال سىياسىي پارتىيەلەر ۋە نامزاتلارنى تەبىئىي ھالەتتە باشقا پارتىيەلەرنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ۋە باياناتلارنى بېرىشتىن يىراق تۇرۇشقا، ئەكسىچە ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىماقتا.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھېچقانداق بىر نامزاتنىڭ ياكى پارتىيەنىڭ غەلىبە قىلالماي، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ئىككىنچى باسقۇچقا قالغان تەقدىردە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلاملاردا غەلىبە قىلىشتا، سىلىق – سىپايە سۆزلەر ھەم باياناتلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلاملارغا ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق ئۇسلۇبتا سۆز قىلىش ھەم باياناتلارنى بېرىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ.

سايلىغۇچىلارنىڭمۇ بىۋاسىتە نامزات كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى

ئىلگىرىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىدا، پەقەت پارتىيەلەرنىڭ مەجلىستىكى گۇرۇپپىلىرى ياكى مەلۇم ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىلا جۇمھۇر رەئىسلىك ئۈچۈن نامزات كۆرسىتەتتى. بۇ ئەھۋال ئەسلىدە سايلىغۇچىنىڭ ئىرادىسىنىڭ سايلام ساندۇقىغا تولۇق ئەكس ئەتمەسلىكىدەك خەۋپنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

 بۇ، دېموكراتىيە ھەم ئەركىنلىكلەر جەھەتتىن بىر بوشلۇق ئىدى. يېڭى تۈزۈم ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلدى. يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ھەممە بۇنىڭدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس نامزاتى بولالايدۇ. بۇ ھوقۇق بولۇپمۇ كىچىك پارتىيەلەر ۋە ئۆكتىچى  گۇرۇپپىلارنى تۈزۈم ئىچىدە باشقۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەگەر بۇ ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسا ئىدى، بۇ پارتىيەلەر ۋە گۇرۇپپىلار تېخىمۇ قوپال بولاتتى. ئەمما بۇ ھوقۇق بىلەن بىرلىكتە بۇ پارتىيەلەر ۋە گۇرۇپپىلارمۇ ئۆز نامزاتلىرىنى تاللاش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ پارتىيەلەر ۋە گۇرۇپپالار بۇنىڭدىن كېيىن يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، جاۋابكارلىقنى تۈزۈمگە ئارتىپ قويالمايدۇ.

تۈركىيەدە ئىلگىرىكى سايلاملاردا پارتىيەلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى قانۇنلۇق ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى سايلاملاردا ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، سىياسىي پارتىيەلەر  ئاساسلىقى «جۇمھۇر ئىتتىپاقى» ياكى «مىللەت ئىتتىپاقى» تەرىقىسىدە سايلاملارغا قاتنىشىدۇ. سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ئارقىلىق سايلاملارغا قاتنىشىشى ئىككى شەكىلدە سىياسىي سۈركىلىشلەرنى يۇمشاتماقتا.

ئىلگىرىكى ئىتتىپاقداشلار، بىرلەشمىلەر سايلامدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلاتتى. سايلام ھارپىسىدا بولسا ھەممە ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. ئەمدىلىكتە بولسا ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش سايلام ھارپىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە سايلام باسقۇچىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللارمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي باياناتلار تەبىئىي ھالەتتە يۇمشىماقتا.

 ئىتتىپاقداشلىقنىڭ سايلامدىن بۇرۇن شەكىللىنىشى سايلىغۇچىلارغا بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىتتىپاقداشلار ئارقىلىق سايلامغا قاتنىشىش، % 10 لىك سايلام چەكلىمىسىگە بېرىپ تاقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، كىچىك پارتىيەلەرنىمۇ پارلامېنتتىن ئورۇن ئالدۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلدى. پارلامېنتتا ۋەكىلى بار سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۆپىيىدىغان بولۇشىمۇ سايلام باسقۇچىدا سىياسىي سۈركىلىشلەرنى ئازايتماقتا.

باشقا كىملىكلەرنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنىڭ قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىغان بولۇشى

سايلام باسقۇچىدا بولۇپمۇ سولچىل پارتىيەلەر دائىم دېگۈدەك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان «ئىلغارلىق – قالاقلىق»، «لائىكلىك – ئانتى لائىكلىك»، «زامانىۋىلىق»، « ئاتاتۈركچىلىك» دېگەندەك تالاش – تارتىشلار ئەمدىلىكتە دېگۈدەك كۆزگە چېلىقمايۋاتىدۇ. بۇ تالاش – تارتىشلارنىڭ بۇ پارتىيەلەرگە نىسبەتەن بىردىنلا ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتىش ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كەتكەنلىكتۇر.

چۈنكى باياناتلارنى بېرىشتىكى بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سايلام سىستېمىسىدۇر. دەرۋەقە، پەقەت ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىغىلا ئاساسلىنىدىغان، باشقىلارنىڭ كىملىكلىرىنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق % 1+50 لىك ئاۋازغا ئېرىشكىلى بولماسلىق، ھەرقايسى پارتىيەلەرنى قانچە ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كىملىكلىرىنى چەتكە قېقىش ئەمەس، ئەكسىچە، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياج چۈشۈشى، ھەرقايسى پارتىيەلەرگە مەجبۇرىي بىر ئۆزگىرىشنى تاڭماقتا. ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا مەجبۇر قېلىشى تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ھەم ئىجابىي ئۆزگىرىشتۇر.

تېررورچىلارنىڭ يانتاياقلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىشى

سايلام باسقۇچىدا دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر ئامىل، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئارىسىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مۇساپە قويمىغان ھ د پ بىلەن، قارىماققا ھېچقانداق بىر پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىشقا يېقىنلاشماسلىقىدۇر.

بۇ ئاممىۋى بېسىم، دېموكراتىيەنىڭ ئۆز پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى جەھەتتىن ئىجابىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.

سىياسىي پارتىيەلەر بىر تەرەپتىن پۇقراۋى ۋە دېموكراتىك بىر تەشكىلات سۈپىتىدە سايلاملارغا قاتناشسا، سايلاملاردىن كېيىن تېررورچىلار ئورۇنلىشىۋالغان تاغقا، تېررورچىلارغا سالام يوللىيالمايدۇ، سايلانمىغان تېررورچىلاردىن يوليورۇق ئالالمايدۇ.

سايلام باسقۇچىدا ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش زۆرۈررىيىتى  ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش سىياسەتلىرىنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەر نېمىنى قانداق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئەمەس، نېمىنى قانداق تەقسىم قىلىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق ۋەدىلەرنى بەرمەكتە.

بۇ ئەھۋال بىرئاز تۈركىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 2 مىڭ دوللارلىق ئەمەس، 10 مىڭ دوللارلىق بىر دۆلەت بولۇشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن دەپ رېئاللىققا قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چىقىم، باج قاتارلىق يوللارغا مۇراجىئەت قىلىش پەقەت باشقىلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى بىلەنلا مۇمكىندۇر.

كۆپلەپ باج ئېلىش بازارلارنى، پۇقراۋى ساھەلەرنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەممە كىشىگە رېئاللىقتىن ھالقىغان ھالدا ۋەدىلەرنى بېرىش يوقسۇللۇققا تەڭدۇر.

يېڭى سىياسەتنىڭ خاراكتېرى،  ئۆكتىچى بولغانغا ئەمەس، ئەمەلىيەتچىل بولغانغا ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ

تۈركىيە رايونىدا ناھايىتى جىددىي خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىچكى سىياسەتتە، چەتكە قاقىدىغان ئەمەس، ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان، قۇتۇبلاشتۇرىدىغان ئەمەس، بىرلەشتۈرىدىغان، كىملىك سىياسىتى بىلەن كىچىك گۇرۇپپىلارنى ئەمەس، چوڭ – چوڭ  جەمئىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىشى، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى بۇ ئەھۋالنى ھازىردىن باشلاپلا كاپالەت ئاستىغا ئالغاندەك قىلىدۇ. نامزاتلار ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا ئەمەس، ئەمەلىيەتچىل بولغانغا ئەگىشىشكە مۇھتاجتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر