تۈركىيە، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ قوشما خىتابنامە ئېلان قىلىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن سىنگاپوردا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق بەرپا قىلىش، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشىدىن مەمنۇن بولغانلىقى تەكىتلەندى.

مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كورېيە يېرىم ئارىلىغا ئالاقىدار دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار مۇساپىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان سىنگاپور باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلار ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەدىلەرگە ئىجابىي باھا بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر باياناتتا يەنە، «ئاپرېل ئېيىدا جەنۇب ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىدىن كېيىن، بۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى نامايان قىلغان سىياسىي ئىرادە سايىسىدا شەكىللەنگەن تارىخىي پۇرسەتنىڭ تاشلىنىدىغان ئىجابىي قەدەملەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلۇشى رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن مۇھىمدۇر. تۈركىيە، تارىخىي رىشتىسى بولغان كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلغان تىرىشچانلىقلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر