ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

شىرناك ۋە سىئىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يول بويىغا كۆمگەن بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى، بەش ئەسكەر يارىلاندى.

ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىئىرتنىڭ ئەرۇھ ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ يول بويىغا كۆمگەن بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئەسكەرنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.

شىرناكتىمۇ پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ يول بويىغا كۆمگەن بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

شىرناكتا ئاكچاي 6-موتورلۇق پىيادە بىرىگادا قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئەسكەرلەر گابار تېغىدا يول تەكشۈرۈۋاتقان جەرياندا تېررورىستلارنىڭ يول بويىغا كۆمۈپ قويغان بومبا پارتلىدى. ۋەقەدە ئىككى ئەسكەر يارىلاندى. يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچارلار بىلەن شىرناك دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى رايوندا تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر