ئىبراھىم قالىن: ئەردوغان نېمىشقا غەلىبە قىلدى / ئانالىز

بۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ «Daily Sabah» گېزىتىنىڭ 2018 – يىلى 26 – ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەردوغان نېمىشقا غەلىبە قىلدى؟» ماۋزۇلۇق سىياسى ئانالىزى...

ئىبراھىم قالىن: ئەردوغان نېمىشقا غەلىبە قىلدى / ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك خەلقى 24 – ئىيۇندا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى يەنە %80 دىن يۇقىرى بولدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %52.5 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قايتىدىن سايلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە ئەڭ يېقىن رەقىبىدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشتى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %42.5 لىك ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان جۇمھۇر ئىتتىپاقى پارلامېنتتا كېرەكلىك كۆپ سانلىققا ئىگە بولدى.

سايلام نەتىجىسى خەلقنىڭ ئەردوغان ۋە پارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا يېڭى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئەردوغان يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. ئەردوغان ناھايىتى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكەن سايلامدىن ئىلگىرى ناھايىتى ئۈنۈملۈك سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ باردى ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەر مۇئەييەن دەرىجىدە ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ، ئەردوغاننىڭ تۈرك سىياسىتىدىكى كۈچلۈك ئورنىغا دوئېل ئېلان قىلغۇدەك دەرىجىگە يېتەلمىدى. 16 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان، 13 سايلام ۋە بىر ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە غەلىبە قىلغان ئەردوغان، ئەڭ يېقىن رەقىبىدىن 20 نومۇر يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بۇ ئۇنۋانغا نامزات بولالايدىغان باشقا بىر سىياسىي زات يوق. بۇ ئەھۋال پەقەت ئەردوغاننىڭ سىياسىي ساھەدىكى ئەقلىنىلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىنىڭ چۈشىنىشكە قۇربى يەتمىگەن تۈرك خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي – سىياسىي ھەقىقەتلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، 2002- يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۈچلۈك خىزمەتلىرىگە تايىنىپ تۈركىيەدە نوپۇزىنى ساقلاپ كەلدى. سايلىغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەردوغاننىڭ لىدېرلىكىنى ئالقىشلاپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، تېخىمۇ ئېلاستىكلىق ۋە سىغدۇرۇشچان بىر سىياسىي سىستېما شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، پەرقلىق قاتلاملاردىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت ساھەسىدە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش سېپىگە قېتىلىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلدى. ئەردوغاننىڭ ئۇتۇق قازىنىشتىكى سىرى، خەلقنى ئالدىنقى پىلانغا قويغان سىياسىتىگە يوشۇرۇنغاندۇر. پارتىيە ۋە كىملىك سىياسىتىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس كۈرىشىدىن ھالقىغان ئەردوغان، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك مىليونلارچە ئائىلىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ مائارىپ، سەھىيە، ئۈستقۇرۇلما، يول، ئايرودۇرۇم ۋە ئىجتىمائىي ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن، چارچاشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەستىن خىزمەت قىلدى. دۆلەت مىقياسىدا ھەم شەھەرلىكلەر، ھەم چەت – ياقا رايونلاردىكى ئاھالىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي ئادالەت سىياسەتلىرىنىڭ مىمارى بولدى.

ئەردوغاننىڭ ئۇتۇقلىرى پەقەت خەلققە خىزمەت قىلىش سىياسىتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەسىنى، دىندار كىشىلەر، كوردلار، ئەلەۋىيلەر ۋە يەھۇدىيلار، رىم ئورتودوكس جامائىتى، ئەرمەنلەر ۋە سۇريانىلارغا ئوخشاش غەيرىي مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار بولۇپ ناھايىتى كۆپ پەرقلىق ۋە رەڭدار كىملىكلەرگە ئاچتى. كورد تىلىغا قويۇلغان چەكلىمە بىكار قىلىندى ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا ئوخشاش كوردلارمۇ ئۆزلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى. تىك ۋە يانتۇ يۆنىلىشلىك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىنىشكە تۇتىشىدىغان يوللار ئۇلارغىمۇ ئېچىلدى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەردوغان كۆپلىگەن كورد جامائەت ئەربابلىرىنى ئۆز سېپىگە قوشتى. كوردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك توپلۇقىنىڭ پۈتكۈل قاتلاملىرى بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورناتتى. پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كوردلارنىڭ ئارىسىنى روشەن پەرقلەندۈرۈپ، كورد خەلقىنىڭ ھەقىقىي مەسىلىلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەركەزلىشىۋاتقان، ئەھمىيەت بېرىۋاتقان تېررور تورىنىڭ زۇلۇم ۋە ۋەيرانچىلىقلىرىدىن كوردلارنى ئازاد قىلدى.

تاشقى سىياسەتتە بولسا، تۈركىيەنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دېگەندەك رايونلارغا سوزۇلدى. ئەردوغان تاشقى سىياسەتكە بىرى پايدىغا ئېرىشىپ، يەنە بىرى زىيان تارتىدىغان بىر ئويۇن، دەپ قارىمىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى بولۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا نامزات بولۇشى، تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە توسالغۇ بولمىدى. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە قارىلىدىغان بولسا، تۈركىيەنىڭ 360 دەرىجە دېيىشكە بولغۇدەك دەرىجىدە تاشقى سىياسەت تونۇشىغا ئىگە بولۇشى، چېگرالارنىڭ سىرتىدىكى داۋالغۇشلۇق دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار دۇنيا مىقياسىدا تەسىر پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە باشقا جايلاردىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئەردوغاننىڭ «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدىغان دۇنياۋى ئادالەت ئورنىتىش چاقىرىقى بەزى قاتلاملارنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن، بىراق، ئۇ مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈمىنىڭ نېگىزلىك يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ بىرىگە ئىشارەت قىلماقتا. شۇڭا، ئەردوغاننىڭ غەلىبىسىنى پەقەت تۈركىيەدىكى ئىنسانلار ئەمەس، پەلەستىن، سومالى، بىرما، ئافغانىستان، پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان دۆلەتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى خەلقلەرمۇ تەبرىكلىدى. ئۆكتىچىلەر، ئۆز يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىشى كېرەك. ئەردوغان 16 يىل بويىچە مەمۇرىي قاتلامنىڭ ئەسكەرلەرنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى تۈرك دۆلىتىنى قوغداشقا تەيىنلەنگەن دەپ ئويلىۋالغانلارنىڭ نوپۇزىنى ئازايتتى. بۇ نۇقتىدا، سىياسىي كۈچنى ئىشلىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى سايلاملاردا غەلىبە قىلىش ئىدى. ئەردوغان بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن ھالدا بەيگىگە چۈشتى ۋە غەلىبە قىلدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەر تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە قارىلاش دولقۇنلىرى بىلەن قورشالغان ئېسىل ماكانلارنىڭ سىرتىدىكى تۈرك سايلىغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە تېخىمۇ ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى لازىم.

يېقىنقى ھەپتىلەردە، تۈركىيەدىكى سايلاملارغا ئالاقىدار ناتوغرا ئۇچۇرلارنى ھەريەردە كۆردۇق. غەرب مېدىيالىرىنىڭ بەزى مۇخبىرلىرى كوچىلاردىكى رېئاللىقنى خەۋەر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆكتىچىلەرنى قوللىغۇچى سىياسىي مەسلىھەتچىلەردەكلا ھەرىكەت قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ ئۆتكىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئەردوغاننىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرلىرى توغرا چىقمىدى. مۇددىئالىرىغا خىزمەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنى تاللاپ خەۋەر قىلىشلىرى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاڭلىغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇشنى نىشان قىلاتتى، بىراق، بۇ ئۇسۇلنىڭ ھېچبىرى كارغا كەلمىدى، ئەكسىچە، غەربلىك ژۇرنالىستلارنىڭ ئوبرازى ئەتراپىدا شۈبھە پەيدا قىلدى. تېخىمۇ يامىنى، بۇ ژۇرنالىستلار تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي دىنامىكلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ سايلام ئۇلارغا يېڭى بىر ئىبرەت بولدى.

سىرتتىكى كۆزەتكۈچىلەر ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشىنى مۆلچەرلىيەلمىدى، چۈنكى، ئۇلار توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدىكى ئىستراتېگىيە مەركەزلىرىنىڭ يېپىق يىغىنلىرىدا تۈركىيە توغرىسىدا بىر تەرەپلىمە مەلۇماتلارنى بەرگەن ئازسانلىق كىشى ۋە گۇرۇپپىلار ئىدى. ئۆزىنى تۈركىيە «مۇتەخەسسىسى» دەۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ تۈركىيە توغرىسىدا بىرەر ئەستايىدىل ئانالىز يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئەمەسلىكى نامايان بولدى. 24 – ئىيۇن پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرى پەقەت ئەردوغان بىلەنلا ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆكتىچىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

نەتىجە روشەن. تۈركىيە پىرېزىدېنت تۈزۈمى ئارقىلىق يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. ئۇ، مەسىلىلەردە تولغان رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە باياشاتلىق ئارىلى سۈپىتىدە قېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

ئەسكەرتىش: بۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ «Daily Sabah» گېزىتىنىڭ 2018 – يىلى 26 – ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسىدۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر