مۇداپىئە سانائىتىدە يەرلىك ۋە مىللىي ئايروپىلانلارنىڭ ھېكايىسى: ھۈرقۇش ۋە باشقىلار

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان مۇھىم لايىھەلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە كۆردى....

مۇداپىئە سانائىتىدە يەرلىك ۋە مىللىي ئايروپىلانلارنىڭ ھېكايىسى: ھۈرقۇش ۋە باشقىلار

مۇداپىئە سانائىتىدە يەرلىك ۋە مىللىي ئايروپىلانلارنىڭ ھېكايىسى: ھۈرقۇش ۋە باشقىلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان مۇھىم لايىھەلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە كۆردى. تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئىشلىتىلدى. يەرلىك قوراللار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە ئۇرۇش مەيدانىدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇرۇنلاردا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئاساسەن سىرتقا بېقىندى بولغان دۆلىتىمىز نۆۋەتتە مىللىي پاراخوت، تانكا، مىللىي رادار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا تاقىلىدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە، يەرلىك سۈنئىي ھەمراھلارنىمۇ تاشقى پىلانېتاغا ئەۋەتمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى بىلەن ھەربىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تۆھپىسى، بولۇپمۇ يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان لايىھە ۋە خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.  

نۇرى دەمىرئاغ: زەپەر بۈركۈتى ئايروپىلان قانىتىغا قوندى

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆتمۈشتە مۇداپىئە سانائىتى ئەسلىدە زور تىرىشچانلىقلار ۋە پىداكارلىقلارنىڭ ئەكسىچە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ساھەلەردىن بىرى بولۇپ  قالغانىدى. 1930-يىلى تۈركىيەنىڭ دىۋرىغى رايونىدا چوڭ بولغان نۇرى دەمىرئاغ ئىسىملىك بىر زاتنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى يەرلىك-مىللىي سانائەتكە نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇرى ئەپەندى تۈركىيەنى تۆمۈر يوللار لىنىيەسى بىلەن بېزەپ چىققانلىقى ئۈچۈن «دەمىرئاغ»فامىلىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇ تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئونلارچە لايىھەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، 1939-يىلى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدۇ، ساما مەكتىپى ئېچىپ ئونلارچە ياش ئۇچقۇچى تەربىيەلەپ چىقىدۇ، نۇرى دەمىرئاغ «غەلىبە قابىلىيەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، غەلىبە بۈركۈتى  دەسلەپ قوزغىلىدۇ ۋە پەرۋاز قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئايروپىلان قانىتىغا قونىدۇ»دېيىش ئارقىلىق ئەينى دەۋردە ساماغا يۈكسىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى پۇرسەت تاپسىلا مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، تۈركىيەنىڭ ساماغا يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئايروپىلان زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە 1939-يىلى تۇنجى يەرلىك ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

لېكىن بۇ جەريانىدا ئۇنىڭ بېشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق كېلىدۇ. ئۇ 1933-يىلى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەبان سۇ ئامبىرى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەينى دەۋردىكى تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى چەتىنكاياغا تەقدىم قىلىدۇ، بىراق مىنىستىر چەتىنكايا نۇرى دەمىرئاغقا تولىمۇ ناچار مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەلى چەتىنكايا ئەينى دەۋردە ئىستىقلال مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن «ئۈچ چوڭ ئائىلە»دىن بىرسى ئىدى. دەمىرئاغ لايىھەسىنى مىنىستىرغا بەرگەندە مىنىستىر ئۇنىڭغا «نۇرى ئەپەندى سۇ ئامبىرى ياساپ چىقىدىكەنسەن، قانداق قىلالايسەن، كىم بىلەن قىلىسەن، بۇنچىلىك چوڭ ئىشنى قىلىش شۇنچىلىك تەس، سۇ ئامبىرى ياساپ چىقىپ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقتىڭ، دەيلى، ئۇنداقتا ئۇ يەردىن چىققان توكنى كىمگە ساتىسەن؟»دەپ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە سوغۇق سۇ سېپىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ دوكلاتىدا مىنىستىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. بىراق مىنىستىر نۇرى دەمىرئاغنى ئاخىرغىچە ئاڭلاشنى خالاپ كەتمەيدۇ. دەمىرئاغ: «بۇ مەسىلە دۆلىتىمنىڭ كېلەچىكىدۇر» دېگەندە، مىنىستىر ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپ: «دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى سەن نېمىشقا ئويلايسەن، دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاش سېنىڭ ئەمەس بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر» دەپ ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىدۇ. 1933-يىلى لايىھەسى قىلىنغان كەبان سۇ ئامبىرى مەسىلىسى 1966-يىلى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ ۋە ياساشقا 10 يىل سەرپ قىلىنىدۇ. ئەينى دەۋردىكى ناقابىل ئەمەلدارلار سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا چىقمىغان بۇ لايىھە 33 يىلدىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

نۇرى دەمىرئاغ 1939-يىلى تۇنجى مىللىي ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىدۇ

1935-يىلى تۈركىيە زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. 10000 لىرادىن ئارتۇق ئىئانە بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئايروپىلانغا قويۇلاتتى. نۇرى دەمىرئاغ ئىئانە قىلىش ئورنىغا بارلىق مال-دۇنياسىنى يەرلىك ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن مال-دۇنياغا «مىللىي ئامانەت» نەزىرىدە مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ «ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئايروپىلان ياساشنى» تەقلىدچىلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن «تۈرك مودېلى» ئايروپىلان ياساش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. 1936-يىلى بەشىكتاشتا ئايروپىلان زاۋۇتىنىڭ ئۇلىنى سالىدۇ، دىۋرىغى رايونىغا سېلىنىدىغان زاۋۇت بىلەن ھازىرقى يەشىلكۆي ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى بولغان جايغا ئايرودۇرۇم سېلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىدۇ.

1937- يىلى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئاچقان 10 دانە مەشىق ئايروپىلانى بىلەن 65 دانە پىلانېر سېتىۋېلىش ھۆددىگەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان دەمىرئاغ ۋە خىزمەتچىلىرى كېچە – كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1938 – يىلى ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن دۆلەتتە سىياسىي سۈركىلىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 1939 – يىلى بارلىق تېخنىكىلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ۋە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئۇچقۇچىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئايروپىلانلار رەت قىلىندى. ئايروپىلانلاردىن بىرى ئەسكىشەھىردە قونۇش ساھەسى تار بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىزلىققا قونۇپ قازاغا ئۇچرىدى. تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئەمەلدارلىرى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى تېخنىكىلىك كاشىلىغا چېتىپ، ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچتى. دەمىرئاغ ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىغا قايتا – قايتا مەكتۇپ يازغان ۋە مەھكىمىلەرگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، دۆلەتنىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر لايىھە سىياسىي سۈركىلىش ۋە ئىختىراسلارغا قۇربان قىلىۋېتىلدى.

تۈركىيەنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي مەشىق ئايروپىلانى ياساپ چىقىش لايىھەسى (ھۈرقۇش)

نۆۋەتتە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن كۆپلىگەن مىللىي مۇداپىئە لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ھۈرقۇشنىڭ مودېلىنى ئىشلەپچىقىرىش تاماملاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان تۇنجى مىللىي ئايروپىلانىمىزنى 2023 – يىلى ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇرۇش تەييارلىقلىرىمۇ قىلىنماقتا. ياۋروپا پۇقرالار ئاۋىياتسىيە دائىرىلىرىدىن تېببىي ئىجازەتنامە ئالغان تۇنجى تۈرك ئايروپىلانى ھۈرقۇشتىن ئىككى دانە مودېل ياساپ چىقىلدى . ھۈرقۇش (تۈركىيە باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي مەشىق ئايروپىلانى ياساپ چىقىش لايىھەسى)، پۇقرالار ۋە ھەربىي ئاۋىياتسىيەنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان مەشىق ئايروپىلانى ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئۆزگىچە قىلىپ لايىھەلەندى. يەنە ھۈرقۇش-س مودېلىغا قورال سەپلەش خىزمەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا.

مىللىي جەڭ ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى

مىللىي جەڭ ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش پىلان – لايىھەسى ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ 2030 – يىللاردىن كېيىنكى جەڭ ئايروپىلانى ئېھتىياجى دۆلەت ئىچىدە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان مودېللار بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. پىلان – لايىھەلەرنىڭ روياپقا چىقىرىلىش باسقۇچىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىشلىتىلمەكتە. ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۇھىم پىلاننىڭ مەھسۇلى بولغان تۇنجى  ئۇچۇشنىڭ 2023 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

F-35 بىرلەشمە ھۇجۇمچى ئايروپىلانى لايىھەسى

بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى F-35، بىرلا ئۇچقۇچىلىق، بىرلا موتورلۇق، كۆپ خىل مەقسەتلىك، تۆۋەن ئاۋازلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئوۋچى / ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىر خەلقئارا بىرلەشمە (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، گوللاندىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، نورۋېگىيە ۋە دانىيە) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. تۈركىيە بىر پارچىسى بولغان بۇ قۇرۇلۇشتىن 100 دانە ئايروپىلان سېتىۋېلىپ دىققەتنى تارتتى. تۈركىيە، لايىھە شېرىكى بولغان F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۇنجى ئايروپىلانىنى 21 – ئىيۇن (2018) دا تېكساستىكى فورت – ۋورستا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا تاپشۇرۇپ ئالدى. نۆۋەتتە ئۇچقۇچىلىرىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەشىقلىرىنى باشلىغان بولۇپ، كېرەكلىك تەلىم – تەربىيە باسقۇچلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىش باشلىنىدۇ.

تۈركىيە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياۋروپا رايونى گەۋدە ۋە موتور، ئېغىر تەكشۈرۈش ۋە رېمونت بازىسى بولىدۇ. F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئوتتۇرا گەۋدىسى» ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سىرتىدىكى بىردىنبىر جاي سۈپىتىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە F-35 - A/B/C ئارىلاشما زاپچاسلار، F-35 - A نىڭ مېتال تۆۋەن گەۋدىسى قاتارلىق قىسىملىرىمۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا. سەزگۈر كۆرسەتكۈچ ئاپپاراتى ۋە تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى مۇداپىئەنى راۋاجلاندۇرۇش بۆلۈمى تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ، راكېتامىيوت سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سوم-ج لارنىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا سەپلىنىشىمۇ دۆلىتىمىز تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

دۆلەت قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن بارلىق پىلان – لايىھەلەر يورۇق كۆرگەن بولسا، ئۆتمۈشتە دۆلەت توسقۇنلۇق قىلغان پىلان – لايىھەلەر ئىشقا ئاشۇرۇلالمىدى. يازمىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، ئۇتۇقلۇق ھالدا يورۇق كۆرگەن مۇداپىئە ساھەسىدىكى باشقا پىلان – لايىھەلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر