ئەردوغان مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ئەردوغان مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولغان تۇنجى كىشى مېركېل بولدى ۋە ئۇچرىشىش تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى 24ئىيۇندىكى سايلاملاردا قايتىدىن سايلانغانلىقى ئۈچۈن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

ئۇچرىشىشتا ئەردوغانغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر