ئەردوغان ناتو يىغىنىدا نۇرغۇن رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ 2 كۈنىدىكى پىروگراممىسى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئەردوغان ناتو يىغىنىدا نۇرغۇن رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىريۇسسېلدا دەسلەپتە ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ 3-يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدۇ ۋە ئارقىدىن ئىتالىيە باش مىىنستىرى جۇزەپپې كونتې بىلەن كۆرۈشىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافغانىستان يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رادېۋ، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچ سائەتلەردە تۈركىيەگە قايتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر