تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى خەۋپسىزلىكنى ساقلاش ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 47 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلار ئارىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالتە نەپەر نامدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە قىزىل، كۈلرەڭ ھەمدە قىزغۇچ رەڭلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، تېررورلۇققا ۋە ھەر خىل جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش دائىرەسىدە، ھەپتە بويىچە 2 مىڭ 218 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جەمئىي 4096 كىشى تۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەللىكلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەردە 10 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت تەكشۈرۈلگەن ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سوراق قىلىنغان.

سىبەر ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش دائىرەسىدە، مەۋھۇم دۇنيادا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بايقالغان 292 كىشى قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر