ئەردوغان كۈرەش سىگنالىنى بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ سەتچىلىككە تولغان ئېمبارگو قارارىدىكى ئويۇنىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە كۈرەش قىلىش سىگنالىنى بەردى.

ئەردوغان كۈرەش سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترابزوندىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  غا چېتىشلىق بولغان ئامېرىكالىق پوپ ھەققىدىكى قانۇنىي جەرياننى ئىچىگە سىڭدۈرەلمىگەن ئامېرىكاغا سىگنال بەردى.

ئۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان بىر پوپ ئۈچۈن 81 مىليون نوپۇسلۇق تۈركىيەنى قۇربانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىسەن، نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، قانۇن دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى قىلىمىز. بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن تۈركىيەنى بويسۇندۇرالمايسىلەر، 81 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەت بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان شېرىكچىلىك ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلارغا خەيرى-خوش دەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە سودا-سائەتچىلەر دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە دوللار ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمغا قارشى مىللىي ئىرادىنى نامايان قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «تۈركىيەدىمۇ، سۈرىيەدىمۇ تېررورلۇققا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ تاشقى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدا تېررورلۇق كارىدورى پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر