تۈركىيە ئېرىترېيە بىلەن ئېفىيوپىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە، ئېفىيوپىيە بىلەن ئىرېترىيە ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئېرىترېيە بىلەن ئېفىيوپىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىرېترىيە بىلەن ئېفىيوپىيە ئارىسىدا 1998 – يىلى توختاپ قالغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىرېترىيە پىرېزىدېنتى ئىسائىئاس ئافۋېركى بىلەن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد تەرىپىدىن 2018 – يىلى 16 – سېنتەبىردە جىددىدە ئىمزالانغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى. ئىرېترىيە ۋە ئېفىيوپىيە خەلقلىرىنىڭ باياشاتلىقلىرىغا ھەسسە قوشىدىغان بۇ كېلىشىمنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئېرىترېيە 1993 – يىلى ئېفىيوپىيەدىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كېلىشمەسلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن 1998 – 2000 – يىللاردىكى ئۇرۇشتا ئون مىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

2000- يىلى ئالجىرىيەدە كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئېفىيوپىيە بەزى دەتالاشلىق جايلاردىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىش ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.

بۇ جەرياندا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئېفىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە ئارىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە «تارىخىي ھادىسە» ۋە «تىنچلىقنىڭ ئۈمىد پەنجىرىسى» دەپ باھا بەردى.

ئېفىيوپىيە ۋە ئېرىترېيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئۆزئارا زىيارەتلىرىدىن كېيىن، تەرەپلەر ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق تۈگەپ، ئورتاق تىنچلىق ۋە دوستلۇق خىتابنامىسى ئىمزالىنىپ، ئۆزئارا ئەلچىخانىلارنى قايتىدىن ئېچىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر