چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىراق زىيارىتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن كەچتە ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدە سەدر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە 12 – ماي سايلاملىرىنىڭ غالىبى مۇقتەدا ئەسسەدر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىراق زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەدر بىلەن ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەجەف شەھىرىدىكى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن باغدادتىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ، پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسى، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئادىل ئابدۇلمەھدى، تۈركمەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئىراقنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئۇسامە ئەننۇجەيفى ۋە بەدىر تەشكىلاتى رەھبىرى ھادى ئەلئامىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر