دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى يىغىنىدا مۇھىم پىلان – لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى

دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىش مەقسىتىدە  يەرلىك ۋە مىللىي سىستېمىلارغا يېڭىلىرىنى سەپلەشكە قارىتا مۇھىم پىلان – لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى.

دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى يىغىنىدا مۇھىم پىلان – لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا،  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ۋە چېگرا رايونلىرىدا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىش مەقسىتىدە  يەرلىك ۋە مىللىي سىستېمىلارغا يېڭىلىرىنى سەپلەشكە قارىتا مۇھىم پىلان – لايىھەلەر كۆزدىن كەچۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ۋە تېخنولوگىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ھەقتىكى پىلان – لايىھەلەرنى قوللاش، ھەمدە تۈرلۈك سېلىنما ۋە تەرەققىيات پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق قارارلار ماقۇللانغان. بۇ دائىرىدە، «ئاتاق» ناملىق ئىلغار تېخنىكىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ھەر خىل ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، قوراللىق ھاۋا ئاپپاراتلىرى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي ئەسلىھەرلىرى،  ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ۋە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سىستېمىلىرى، تۈرلۈك ئەقىللىق ئوق – دورىلار ۋە قورال - ياراغ سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوخشىمىغان تۈردىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا مۇناسىۋەتلىك پىلان – لايىھەلەر قاراپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر