چاۋۇشئوغلۇ جېرېمي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرېمي ھانت بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ جېرېمي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مىنىستىرنىڭ يېپىق ئۇچرىشىشى بىر سائەت داۋاملاشتى. دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ ۋە رايونغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەر، رۇسىيە بىلەن 17 – سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى، 2 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر