ئەردوغان ئامېرىكىنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكىنى، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

ئەردوغان ئامېرىكىنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ غا قارشى زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنى، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنى بۇ يەردىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

تۈركىيە – ئامېرىكا ئارىسىدىكى 4 – ئىيۇندا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، «مۇنبىچكە مۇناسىۋەتلىك پىلان 90 كۈنلۈك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئىشلىمىدى. ئىشلىمىسە، بىز ئۇ يەردىمۇ ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز قىلىمىز. فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە كېرەكلىك قەدەملەر تاشلىنىدۇ. بۇ ي پ گ/ پ ي د / پ ك ك تېخىمۇ توغرىسى پ ك ك غا قارشى كېرەكلىك ئىشلارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ دۆلەتتە ياشايدىغان غېرىپ – غۇرەبالارنىڭمۇ خاتىرجەملىكى ئۈچۈندۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر