ئاقار: سۈرىيەدىكى ئىشلار پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ پىلانلانغان شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقار: سۈرىيەدىكى ئىشلار پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ پىلانلانغان شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مۇنبىچتە بولسا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇمېنىيە باش مىنىستىرى ۋىئورىكا دانجىلانىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ 17 – سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئىدلىبتا شەكىللەندۈرۈلگەن قوراللاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايوندىكى ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ چېكىندۈرۈلۈش مۇساپىسىگە دائىر سوئالىغا، «پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ۋەدىلىرىمىزدە تۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مۇنبىچتا ئېلىپ بارىدىغان ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدىكى ئورتاق مەشىقنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا، «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەلىم – تەربىيە ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە ئورتاق چارلاش خىزمەتلىرىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋابەن «ئورتاق چارلاش پات يېقىندا باشلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر