چەلىك: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى، داڭلىق شەخسلىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن خەۋەر يوق

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى، داڭلىق شەخسلىرى، سەنئەتچىلىرى، كۆپلىگەن ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن خەۋەر يوقلۇقىنى ئېيتتى.

چەلىك: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى، داڭلىق شەخسلىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي باشقۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيانىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالدى.

2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق توختالغان چەلىك، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوچۇق - ئاشكارا  تەكشۈرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق قىلغان چاقىرىقىغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

چەلىك، ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى قوللايمىز، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىققان مىللىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەكلىپى توغرىلىقمۇ توختالغان چەلىك، «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى  كېچىكتۈتۈرۈشكە، ئارقىغا سوزۇشقا بولىدىغان، ياكى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان ئەندىشىلەر ئەمەستۇر» دېدى.

ئۆمەر چەلىك تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە توغرا بولغىنى، بۇ رايونلارنىڭ تېررورچىلارغا نىسبەتەن بىخەتەر رايون بولۇشتىن خالىي قىلىنىشىدۇر، جۈملىدىن بۇ رايونلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇلۇشىدۇر.»

سۆزىدە، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئەلخەلىلدىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپىسىگە  خاتىمە بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن چەلىك، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنىڭ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ، ھەقىقىي ئىھۋالنى يوشۇرماقچى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى قەدىمى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى» توغرىلىقمۇ توختالغان چەلىك، خىتاي تەرىپىدىن 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە «بارلىق دىنلار ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش» تەرىقىسىدە سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چەلىك خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيگە ئوچۇق نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى، داڭلىق شەخسلىرى، سەنئەتچىلىرى، كۆپلىگەن ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن خەۋەر يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىقلاپ چىقىلىشنى تەقەززا قىلىېدىغان مەسىلىلەردۇر. بۇ ھەقتە ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيە تۇتۇلغان تەقدىردە، بۇ بارلىق تەرەپلەرگە نىسبەتەن سۈركىلىشنى پەسەيتىشكە، ھادىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. دۆلىتىمىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەتتۇر، جۈملىدىن بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. بىز بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچقاچان قانۇنلۇق بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر