مىنىستىر ئالبايراق يېقىن كېلەچەكتىكى  ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «مىنىستىر ئالبايراق يېقىن كېلەچەكتىكى ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

مىنىستىر ئالبايراق يېقىن كېلەچەكتىكى  ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

مىنىستىر ئالبايراق يېقىن كېلەچەكتىكى  ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، پارلامېنتنىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە سېلىنىشى پىلانلانغان ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزى جەريانىدا، ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش يولىدا ئىشەنچكە تولغان قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى ئون يىلدا سېلىنما ئېھتىياجىنىڭ 110 مىليارد دوللاردىن ھالقىيدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، بۇ جەرياندىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سېلىنما بازىسىغا ئايلىنىشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئالبايراق ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلارغا قارىغاندا، بۇلارنىڭ بىرىنى نېفىت ئىزدەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇدۇقلىرىدا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرۈلىدىغان ئېشىش تەشكىل قىلىدۇ. 2016 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلار، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 51 مىڭ ۋارىل بولۇۋاتقان تۈركىيەدە، بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نېفىت ئىستېمالىنىڭ پەقەت %7 كە يېقىنىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يەنى، نېفىت قۇدۇقلىرىنى بايقاشقا ئېھتىياج بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئېچىلغان نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سانى 4700 دىن ئارتۇق بولۇپ، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇنىڭغا يەنە 65 نېفىت قۇدۇقى قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا كۆرۈنەرلىك ئېشىشنىڭ روياپقا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە، تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناب ، قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پۈتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار بولدى. ھازار دېڭىزىدىن ياۋروپاغا بىۋاسىتە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدىغان تاناپنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە %94 تىنىڭ پۈتۈشىنىڭ كۈتۈلۈشى ھەم تۈركىيە ھەم ياۋروپاغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر خەۋەر. تۈركىيە 2018 – يىلى ئەزەربەيجان تەبىئىي گازىنىڭ ئىچكى ئىستېمالدىكى مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.

ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا ۋە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش يولىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تاناب ئارقىلىق ياۋروپاغا گاز يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بولسا، 2020- يىلى. 2020 – يىلىدىن كېيىن شەرق – غەرب يۆنىلىشلىك گاز يۆتكىلىشىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان تۈركىيە، رايوننىڭ تەبىئىي گاز سودىسىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەر سايىسىدا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش بازارلىرىنى ئىزدەش ئېھتىياجىغا تۈركىيە مەركەزلىك بىر چىقىش يولى ھازىرلىنىدۇ. تۈركىيە، بىۋاسىتە ھالدا غەربكە يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز ئېقىشىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە، شىمالدىن كەلگەن گازنىمۇ غەربكە يەتكۈزۈپ، ياۋروپانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش بىخەتەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۈنسېرى كۈچلەندۈرىدۇ.

تەبىئىي گازغا ئالاقىدار يەنە بىر مەسىلە، خاتاي دۆرتيول ۋە ساروس قولتۇقىدا يەنە 2 دانە كۆچمە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاپاسلاش ۋە قايتىدىن گازغا ئايلاندۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئومۇمىي تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ %15 ىنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ زاپاسلاش سىغىمچانلىقىنىڭ %2.7 ئەتراپىدا بولۇشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دەرھال بۇ جەھەتتىكى سىغىمچانلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنىڭ بىشارەتچىسىدۇر. پۈتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئىككى دانە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاپاسلاش ۋە قايتىدىن گازغا ئايلاندۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دەل بۇ نۇقتىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سىغىمچانلىقنى 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ خىزمەت ۋە قۇرۇلۇشلار پۈتكەندە بولسا، تەبىئىي گاز زاپاسلاش سىغىمى يىللىق ئىستېمالنىڭ %20 ىگە توغرا كېلىدىغان ھالەتكە يېتىپ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە كۆرۈلىدىغان ھەر قانداق بىر كاشىلىغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدا زاپاسلانغان تەبىئىي گاز ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە تېپىلغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بېكەتلىرى بىلەن بىرلىكتە پەقەت بىرلا دۆلەتكە بېقىنىپ قالماستىن، نۇقتا بازارلاردىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش ئارقىلىق تەبىئىي گازدا ھەم مەنبە ھەم دۆلەت خىلمۇخىللىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

ئاخىرىدا، ئالبايراقنىڭ ئاققۇيۇ ۋە سىنوپتا قۇرۇلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىمۇ مۇئەييەن مۇساپىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان مەزكۇر نۇتقى، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ بۇ قانىتىدىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 24 سائەت ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، مۇھىت ۋە مېترولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، بىر دۆلەتتىكى ئۈزلۈكسىز ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەم ئاققۇيۇ ۋە سىنوپ ھەم يەر بېكىتىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئۈچىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قانچىلىك تېز پۈتسە، تۈركىيە سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە شۇنچىلىك تېز ئېرىشىدۇ ۋە ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش نىشانىغا شۇنچىلىك يېقىنلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر