تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %6 دىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى

ئىقتىسادشۇناسلار تۈركىيە ئىقتىسادىدا ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە بۇ يىل (2017) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە قوش خانىلىق رەقەمدە ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %6 دىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادشۇناسلار يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %5.2، ئىككىنچى چارىكىدە %5.1 ئىقتىسادىي ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 11-دېكابىر (دۈشەنبە) ئېلان قىلىنىدىغان يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق رەقەمگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى تېز ئۆسۈشنىڭ، يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە قوش خانىغا چىقىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىقتىسادىي ئېشىشتا، بولۇپمۇ ئىستېمال ۋە ئېكسپورتنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئىقتىسادشۇناسلار يەنە، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەم سىرتىدىكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ئاشىدىغانلىقىنى؛ بۇ يىللىق (2017) ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى بولسا، %6 دىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر