ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن 1 مىليارد توننا نېفىت زاپىسى بايقالغان

خىتاي خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا 1 مىليارد توننا نېفىت زاپىسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن 1 مىليارد توننا نېفىت زاپىسى بايقالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلقئارا رادىيوسى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدا زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بايقالغان نېفىتلىكنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە نېفىتلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي نېفىت شىركىتى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1 مىليون 380 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغان ئىدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت دۆلەتنىڭ 13- بەش يىللىق (2020-2016) پىلانى رامكىسىدا، رايوندىن 6 مىليون توننا نېفىت بۇرغىلاشنى نىشان قىلغان.

دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئېلى، نېفىتتىن باشقا، سېرىق ئالتۇن، پلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار مول بولغان رايون ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر