قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت ياراتتى

قازاقىستان ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرى تىمۇر سۇلايمانوۋ بۇلتۇر قازاقىستاننىڭ 86.2 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.

قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمانوۋ باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ مىقدارى 86.2 توننىغا يەتتى. بۇ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلىتىمىز تارىخىدىكى رېكورت يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئارقىلىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى % 4 كە يەتتى. بۇ يىلمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ماكرو ئىقتىسادىي  تەخمىنلەر ئېنىق بولغاندىن كېيىن بۇ يىلقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر