دونالد ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئويىنى ئويناش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا خەرىنە ئىشلىرى مىنىسترىلىقىمۇ ئالدىنقى يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان پۇل بىرلىكى دوكلاتىدا خىتاينى «پۇل قىممىتىگە زىيان سالغۇچى دۆلەت» دەپ باھالىغان ئىدى.

دونالد ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئويىنى ئويناش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئەيبىلەپ پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەنلىتىش ئويىنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئورتاقلاشقان ئۇچۇرىدا، «ئامېرىكا ئۆسۈمنى يۇقىرى كۆرتۈرگەن پەيتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاي پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى قەستەن چۈشۈرۈش ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ. بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن قاراشلىرىغا ئورۇن بەردى.

ترامنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا پۇل بىرىلىكى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى سۇنۇلۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تارقىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىرېزىدېنت دونلاد ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرىمۇ خۇسۇسەن خىتايغا قاراتقان ھالدا مۇشۇ خىل باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا خەرىنە ئىشلىرى مىنىسترىلىقىمۇ ئالدىنقى يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان پۇل بىرلىكى دوكلاتىدا خىتاينى «پۇل قىممىتىگە زىيان سالغۇچى دۆلەت» دەپ باھالىغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تاشقى پىراۋۇتقا مۇداخىلە قىلىشتىن باشقا يەنە، شىمالىي كورېيەگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشلارنى خەۋپكە ئېتىرمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىكىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە زىت بەزى قارارلارنى ماقۇللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا خەرىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا پۇل بىرلىكىگە دائىر يېڭى دوكلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر