جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىساد

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىساد» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىساد

جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىساد

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىساد» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنىپ، تۈركىيە كۈنتەرتىپىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىدىن كېيىن، سىياسەتتە رىتىملىق كۈنلەر باشلانغان بولدى. 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىكى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە سىياسەتچىلەرنىڭ نامزاتلىقى، پارتىيەلەرنىڭ سايلام تەييارلىقلىرى دېگەندەك مەسىلىلەر كەلگەن بولسىمۇ، ئەسلىدە بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى تەشكىل قىلىدۇ. 24 – ئىيۇندىكى سايلامدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان بۇ تۈزۈمنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان ماسلىشىش قانۇنلىرى تۈركىيە سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

بىرىنچى بولۇپ، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى يەنى 23 – ئاپرېلدا، 2018 – يىلى 24 – ئىيۇن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىدا يولغا قويۇلىدىغان ھۆكۈملەرنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئاساسىي قانۇن كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنىپ، ماسلىشىش قانۇنلىرىغا دائىر تۇنجى قەدەم تاشلانغان بولدى. ماسلىشىش قانۇنلىرى نۆۋەتتىكى باسقۇچتا يېڭى تۈزۈمگە ماسلىشىشتا، بولۇپمۇ يېڭى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسكە بېرىلگەن سالاھىيەتنىڭ قانۇنلاردىن ئايرىپ چىقىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ سايىدا، سايلاملارغىچە ئىجرائىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە تەكشۈرۈلۈپ، ساھە تازىلىقى قىلىنىشى نىشان قىلىنماقتا.

سايلامدىن كېيىنكى مۇساپىدە بولسا، كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان مەسىلىنى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەركىزىي تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈلۈشى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يەردە سالاھىيەت جۇمھۇر رەئىسكە مەركەزلەشكەن بىر سىستېما ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بۇ مۇساپىدە، مەيلى تەشكىلات قۇرۇلمىسىنىڭ، مەيلى مىنىستىرلىقلاردىكى قۇرۇلمىنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالەتتە شەكىللىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۈرك سىياسىي سىستېمىسىغا قەدەممۇ قەدەم ماسلاشتۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

ئۇنداقتا، يېڭى تۈزۈم تۈركىيە ئىقتىسادىدا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ ياكى تۈركىيە ئىقتىسادىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئالدى بىلەن، بۇ تۈزۈمنىڭ مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەت. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، كۈچلۈك ۋە جانلىق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇقىملىق ئامىلى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

تۈركىيە يېقىنقى 15 يىلدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەتلىرى ياراتقان مۇقىملىقنىڭ مېۋىلىرىنى ھازىرغىچە ئىقتىسادتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار ئارقىلىق توپلىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە بولسا، تۈزۈمنى تايانچ قىلغان مۇقىملىقنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى روشەن ھېس قىلىنغان ھەم تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم تېخىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇش نىشان قىلىنماقتا.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىدىن بىرىنى بىيۇروكراتىيە تەشكىل قىلىدۇ. بىيۇروكراتىيە قارار چىقىرىش، ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر شەكىلدە ئىلگىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۈزۈم بىلەن بىرلىكتە، بۇ مۇساپىلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن، باشقۇرۇشتىكى چېچىلاڭغۇلۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەسىلەن، مىنىستىرلىقلارنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى يەنى ۋەزىپە ۋە سالاھىيەت ئېنىقلىمىلىرىنڭ ۋە بۇ يەردىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ قايتىدىن بېكىتىلىشىدىكى تۈپ نىشان، بىيۇروكراتىيە توسالغۇسىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىدۇر. بۇ يەردە سالاھىيەت ۋە قارار مەنبەلىرى ئارىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ، ماسلاشماسلىقلارنىڭ ۋە ئۆزئارا زىت كېلىپ قېلىشلارنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنىشى شۇنداقلا داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىر چارىنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن، بەزى مىنىستىرلىقلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ياكى بەزىلىرىنىڭ ئايرىلىشى دېگەندەك ئەھۋاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەپسۇسكى بىيۇروكراتىيە تۈركىيە ئىقتىسادىدا سېلىنمىلارنىڭ ئالدىنى توراپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ توسۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يېڭى تۈزۈمنىڭ بىيۇروكراتىيە توسۇقلىرىغا قارىتا ئۈزۈل – كېسىل چارىلەرنى يولغا قويۇشى بىلەن، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ موتور كۈچى بولغان سېلىنمىلاردا كۆرۈنەرلىك ئېشىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى ئېشىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ھەم تۈزۈمنىڭ دەسلەپكى بۆلۈمى ئىجرا قىلىنىدىغان 24 – ئىيۇن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپە، ئىقتىسادتىكى ئىشەنچ ئامىلىنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئاساسلار ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلۇشىنى ۋە مۇقىملىق زېمىنغا ئورۇنلىشىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر