«ئىقتىساد سايلامدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىدۇ»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئىقتىسادىي ئىشلار ھەققىدە مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى.

«ئىقتىساد سايلامدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىقتىسادنىڭ سايلامدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«‹ Bloomberg News › تېلېۋىزىيە قانىلى» تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بېنجامىن ھارۋېي ھەمبەھىرلەشكەن بىر خەۋەركە ئىنكاس قايتۇرغان شىمشەك، «سايلامدىن كېيىن سىياسىي ئىشلارمۇ ئىزىغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئىقتىسادمۇ قايتىدىن جانلىنىدۇ. پىرىنسىپلىق بازار ئىگىلىكىنى جانلاندۇش ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھەم بىخەتەر يول» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر