شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيە

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيە

شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئېنېرگىيە سودا مەركىزى بولۇش يولىدا دادىل قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەۋاتقان تۈركىيە، مەيلى جۇغراپىيەلىك ئورنى، مەيلى مەۋجۇت ئېنېرگىيە ئىمكانىيىتى، مەيلى ئىلكىدىكى ئېنېرگىيە ئۆتۈش لىنىيەلىرى جەھەتتىن بولسۇن، رايونىدا ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئۈستۈن ئەۋزەلىككە ئىگە. بۇ ئەۋزەللىك تۈركىيەنى رايوندىكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە كۈنسېرى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، گېپى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي ئاقدېڭىز ھاۋزىسىدا بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرىنى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى پايدىسى ئەتراپىغا جەم قىلغانلىقىنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى، مىسىر، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان دېڭىزلىرىدا ئېلىپ بارغان ئىزدەش – قېدىرىش خىزمەتلىرى رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ ھاۋزىدىكى تۇنجى چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى 2009 – يىلى ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىي رايونى ئىچىدىكى تاماردا، 2010 – يىلى بولسا، لېۋىئاتاندا تېپىلدى.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيە ئىزدەش – قېدىرىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، 2011 – يىلى جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت رايونى ئىچىدىكى ئافرودىتتا 198 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى تېپىلدى. ئارقىدىن 2015 – يىلى مىسىر دېڭىز تەۋەلىكىدە 850 مىليارد كۇب مېتىرلىق رايوننىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك تەبىئىي گاز ساھەسى ھېسابلىنىدىغان زوھر ساھەسى بايقالدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر سايىسىدا، شەرقىي ئاقدېڭىز تەۋەلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرى بىلەن رايوندىكى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان بولدى.

ئەلۋەتتە، مەزكۇر تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى بايقاش ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر پەقەت ئۆز تەۋەلىكىدە تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولدى. چۈنكى، داۋاملىشىۋاتقان مۇساپىدە رايون دۆلەتلىرى مەزكۇر زاپاسلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق كونكرېت قەدەم تاشلىمىدى. شەرقىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىدىن قانداق پايدىلىنىدۇ، ئىلكىدىكى تەبىئىي گازنى بازارغا قانداق سالىدۇ ۋە رايوننىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدىكى رولى نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ؟ بۇلار ھېلىھەم شەرقىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى ئېنىق جاۋاب بېرەلمىگەن سوئاللارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022 – يىلىغىچە دۇنيا تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ 4 تىرىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇشى، دۇنيادىكى تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈنسېرى ئاشۇرماقتا. لېكىن، بۈگۈنكى دۇنيادا تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولۇش مەنبە دۆلەتلەرنى ھەر دائىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلمايدۇ. مەنبە دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ مەنبەلەرنىڭ سودىسىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى ۋە بازارغا قايسى ئۇسۇل بىلەن سېلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بەرپا قىلىنىدىغان ئۆتۈش يوللىرىمۇ مۇھىم.

بۇ تەبىئىي گازلارنىڭ يۆتكىلىشىدە رايوندىن بازارغا ئېچىلغان بەزى ئېنېرگىيە يۆتكەش يوللىرى بار. بۇ ئۆتۈش يوللىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان تۈركىيە بولسا، نۆۋەتتە رايوندا مەيلى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى چىقىم جەھەتتە بولسۇن، ئەڭ مۇۋاپىق دۆلەت بولۇپ ھېسابلانماقتا. بىراق، شەرقىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە كونكرېت قەدەم تاشلىماسلىقلىرى، ئۇلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق بازارغا كىرىشىنىڭ ئورنىغا تەڭداش يوللارنى ئىزدەۋاتقانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئۇرۇنۇش – ئىزدىنىشلەرنىڭ قانچىلىك ئاقىلانە ئىكەنلىكى مەسىلىسى ناھايىتى روشەن بىر بەس – مۇنازىرە تېمىسىدۇر. چۈنكى، تۈركىيە نۆۋەتتە تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتۈۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن ئېنېرگىيە سودىسىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋاتقان رولىنى ئالدىمىزدىكى ئاي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناب بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە شەرق – غەرب يۆنىلىشلىك ئۆتۈشمە تەبىئىي گاز توشۇمىچىلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، 2019 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بىلەنمۇ تۈركىيەنىڭ شىمالىدىن غەربىگىچە سوزۇلىدىغان بىر تۇرۇبا لىنىيەسى ئاكتىپلىشىدۇ، تۈركىيە ئېنېرگىيە ئۆتۈش يوللىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە رايون خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ھالقىلىق ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، چىقىپ تۇرىدۇكى، شەرقىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى ھازىرمۇ مەنبە دۆلەت بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك بىرەر چارە تېپىپ چىقالمىدى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەۋزەل رولىنى كۆرۈپ يېتەلمىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېقىن كېلەچەكتە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى كونكرېت پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغاندەك قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر