«ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى قېرىنداشلىققا سېلىنغان مەبلەغدۇر»

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ قېرىنداشلىققا سېلىنغان  مەبلەغ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى قېرىنداشلىققا سېلىنغان مەبلەغدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرات ئالبايراق ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تۇنجى تەمىنلەش نۇقتىسى بولغان ئەسكىشەھىر كومپرېسسور ۋە ئۆلچەش پونكىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، لايىھەنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى رايوننىڭ ئېنېرگىيە تارىخىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى قىتئەلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىققا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان لايىھەنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان يولغا قويۇۋاتقان ئاكتىپ ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ماددىي سېلىنمىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە يۈز يىلنىڭ ئەڭ مۇھىم لايىھەلىرىدىن بىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتىمىز. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى قېرىنداشلىققا سېلىنغان مەبلەغ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، <ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت> ئېڭىنىڭ چېگرالاردىن ھالقىپ، يېڭى جۇغراپىيەلەر بىلەن، يېڭى ئىنسانلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىدۇر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي دوستلۇق ۋە سۆيگۈنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلىدىغان ئالەمشۇمۇل مىراسىدۇر. لايىھە تۈركىيە ۋە بۇ لايىھە يېتىپ بارىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، لايىھە ئارقىلىق تۈركىيە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئاچقۇچلۇق دۆلەتلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر