ئەلىيېۋ: «تاناپ» تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق زەپىرىدۇر

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – «تاناپ» نىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرىنىڭ ئاقىلانە شۇندقلا كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىسى سايىسىدا روياپقا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىيېۋ: «تاناپ» تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق زەپىرىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەليېۋ، ئەسكىشەھىرنىڭ سەيىت غازى ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاقساقلى مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تاناپ» نى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، دۆلىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكى سايىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلاردىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چارچىماس پائالىيىتى نەتىجىسىدە تۈركىيە دۇنيا مىقياسىدا چوڭ كۈچكە ئايلاندى. تۈركىيە، دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان بىر دۆلەتتۇر. بىز ئەزەربەيجاندا بۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىنىمىز، تۈركىيەنىڭ كۈچى بىزنىڭ كۈچىمىزدۇر، بىزنىڭ كۈچىمىز بىزنىڭ بىرلىكىمىزدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، دۇنيادا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجانغا ئوخشاش بىر – بىرىگە يېقىن ۋە بىر – بىرىنى قوللايدىغان ئىككىنچى بىر دۆلەتنى تېپىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىرلىكى ۋە قېرىنداشلىقى ھەم دۆلەتلىرىمىز، ھەم خەلقلىرىمىز، ھەم رايونىمىز، ھەم ياۋرو-ئاسىياغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئامىلدۇر. نۆۋەتتە <تاناپ>نىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ نامايان بولۇشىدۇر. <تاناپ>، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرىدۇر» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، <تاناپ> نىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن روياپقا چىقارغان تۇنجى قۇرۇلۇش ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، 2006 – يىلى باكۇ – تىفلىس – جەيھان تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى، 2007 – يىلى باكۇ – تىفلىس – ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۆتكەن يىلى بولسا، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر