ئابدۇللايېۋ: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىشىنىمىز

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى رۆۋناگ ئابدۇللايېۋ  تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئابدۇللايېۋ: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللايېۋ ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ دەسلەپكى نۇقتىسى بولغان ئەسكىشەھىر كومپرېسسور ۋە ئۆلچەش پونكىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، لايىھەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھە ئارقىلىق <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> سۆزىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىستىراتېگىيەلىك سەرمايىلەرنى قوللاش ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. شىركىتىمىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سېلىنمىلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ سالغۇچىسىدۇر. بىز تۈركىيەگە ۋە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەمىشە ئىشەندۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشىنىمىز. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى بۇ ئىشەنچكە تايىنىدىغان دوستلۇقىمىز ھەم ھەمكارلىقىمىزنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەزەربەيجاندىن تارتىپ ئىتالىيەگىچە سوزۇلىدىغان 3 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىرلىك جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى قۇرۇلۇشى مۇھىم بىر قۇرۇلۇشتۇر. بۇ شىركىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ سىناق ئىدى، بۇ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، دەرۋەقە، بۇنىڭ نەتىجىسىنىمۇ كۆردۇق. لايىھە دەل ۋاقتىدا ۋە 8 مىليارد دوللاردىن ئاز مەبلەغ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»

ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن % 12 تىنى قامدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇللايېۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ لايىھەنىڭ ئەسلى پىلانلىغۇچىلىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋدۇر، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بولمىسا، بىزگە يول كۆرسەتمىگەن بولسا،  بۇ لايىھەنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشى مۇمكىن بولمايتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر