تۈركىيە - رۇسىيە سودا ھەجىمىدە ئالاھىدە ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى بۇ يىلنىڭ يانۋار – ماي ئايلىرى ئارىسىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %46.2 ئېشىپ 11 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتتى.

تۈركىيە - رۇسىيە سودا ھەجىمىدە ئالاھىدە ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئومۇمىي ئېكسپورتى مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %44.6 ئېشىپ، 9 مىليارد 700 مىليون دوللارغا، تۈركىيەدىن قىلغان ئىمپورتىمۇ بۇ مەزگىلدە %60 ئېشىپ، 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي سودا ھەجىمىدە تۈركىيەنىڭ پېيى %0.7 ئېشىپ %4.2 گە چىققان.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە، ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %50 گە يېقىن ئاشقان سودا ھەجىمى بىلەن، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تۆتىنچى سودا شېرىكى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر