مىنىستىر بەرات ئالبايراك خىتاي مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

بۇ يىلقى گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا مىنىستىر بەراك ئالبايراك خىتاي مالىيە مىنىسىرى بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر بەرات ئالبايراك خىتاي مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلقى  گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېسدا چاقىرىلدى.

مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا،  تۈركىيەگە ۋاكالىتەن خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراكتىن سىرت مەركەز بانكىسى باشلىقى مۇرات چەتىنكايامۇ قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتىدۇ.

يىغىندا قويۇق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئالبايراك ئامېرىكلىق مەنسەبدېشى ستېۋېن مىنۇچىن بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

گ-20دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %85نى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى ۋە خەلقئارا سودىنىڭ تۆتتە ئۈچىنى تەشكىل قىلىدۇ.

دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 20 دۆلەتنىڭ مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقلىرى  پايتەخت بۇئېنۇس ئايرېسدا دۇنيا ئىقتىسادىي ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ مۇزاكىرىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە مېكسىكا ئارىسىدا پارتىلغان سودا ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالبايراكنىڭ تۇنجى كۈنى ئالدىراش ئۆتتى.

ئالبايراك ھىندونېزىيە مالىيە مىنىستىرى سىرى مۇليانى ئىندراۋاتى، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ئولاف  سولز، فىرانسىيە ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىرۇنو لومېر، خىتاي مالىيە مىنىستىرى لىيۇ كۇن، بىرازىلىيە مالىيە مىنىستىرى ئېدۇاردو گۇاردىيا، جەنۇبىي كورېيە ئىستىراتېگىيە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى دوڭ يون كىم، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىقتىساد ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى پىيېر موسكوۋىسى ۋە ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

مىنىستىر بەرات ئالبايراك گ-20دۆلەت گۇرۇھى خاتىرە سۈرىتىگە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر