تۈركىيەدىكى مىليونېرلارنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

تۈركىيەدىكى مىليونېرلارنىڭ بانكىلاردىكى بارلىق پۇلىنىڭ مىقدارى 1 تىرىليون 24 مىليارد 25 مىليون لىرا ئەتراپىدا ئىكەن.

تۈركىيەدىكى مىليونېرلارنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى مىليونېرلار بانكا ھېساباتلىرىغا بۇلتۇر 144 مىليارد 300 مىليون لىرالىق تاشقى پىروۋۇت، 41 مىليارد 500 مىليون لىرالىق تۈرك لىراسى ۋە  2 مىليارد 600 مىليون لىرالىق ئالتۇن قوشتى.

بانكىچىلىق خىزمەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى بانكا ھېسابلىرىدا 1 مىليون لىرا ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان پۇلىسى بار 161 مىڭ 800 كىشى بار ئىكەن.

بۇ مىليونېرلارنىڭ بانكىلاردىكى بارلىق پۇلىنىڭ مىقدارى 1 تىرىليون 24 مىليارد 25 مىليون لىرا ئەتراپىدا ئىكەن.

مىليونېرلارنىڭ بانكىلاردىكى پۇللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بۇنىڭ 465 مىليارد 687 مىليون لىراسىنى يەرلىك پۇل، 552 مىليارد 519 مىليون لىراسىنى تاشقى پىروۋۇت، 5 مىليارد 819 مىليون لىراسىنى بولسا قىممەتلىك مەدەن بايلىقى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا مىليونېرلارنىڭ ھېساباتىدا 3 مىليارد 175 مىليون لىرالىق ئالتۇن، 408 مىليارد 209 مىليون لىرالىق تاشقى پىروۋۇت ۋە 424 مىليارد 237 مىليون لىرالىق تۈرك لىراسى  پۇل بار ئىكەن.

مىليونېرلار بۇلتۇر ھېسابلىرىغا تەخمىنەن 2 مىليارد 600 مىليون لىرالىق ئالتۇن، 144 مىليارد 300 مىليون لىرالىق تاشقى پىروۋۇت، 41 مىليارد 500 مىليون لىرالىق تۈرك لىراسى قوشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر