سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈنجى قېتىم ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاياللارنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان ئىشتىياقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، كەلگۈسىدە سەئۇدى ئەربىستاندا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە دەرۋازە ئاچىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈنجى قېتىم ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈنجى قېتىم ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

جىددەدىكى پادىشاھ ئابدۇللاھ تەتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنى پەقەت ئاياللارنىڭلا كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا كېڭىشى ئەزاسى ۋە جىددە ۋاسكىتبول بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى لېنا ئەل مەينا بۇ مۇسابىقىنىڭ كەلگۈسىدە سەئۇدىدىكى ئاياللارنى تەتەربىيەنىڭ ھەر قايسى تۈرلىگە رىغبەتلەندۈرۈش ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەل مەينا: «بۇ مۇسابىقە ئاياللارنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان ئىشتىياقىنى نامايان قىلىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇ مۇسابىقە كەلگۈسىدە ئاياللار تەنتەرتەربىيە ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىغا نىسبەتەن جاۋاب سۈپىتىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە دەرۋازە ئاچقان بولدى» دېدى.

مۇسابىقىدىن قولغا كەلگەن كىرىملەرنىڭ ئەمچەك راكىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ ئومۇملىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان خىزمەتلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشى پىلانلانملاقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر