بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ دۇنيا چېمپىيونى بولدى

مىللىي تەنتەربىيە ماھىرىمىز بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ 50 مېتىرغا ئۇزۈشنى 38.35 سىكونتتا تاماملاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ دۇنيا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىيىپ تەنتەربىيە ماھىرىمىز بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ يەنە بىر يېڭى ئۇتۇققا ئېرىشىپ، خەلقئارا مىيىپلار سۇ ئۇزۇش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

خەلقئارا مىيىپلار ئولېمپىك مۇسابىقىسى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مېكسىكانىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن چىمپېيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە، مىللىي تەنتەربىيە ماھىرىمىزنىڭ 50 مېتىرغا ئۇزۈشنى 38.35 سېكۇنتتا تاماملاپ، رەقىپلىرىنى يەڭگەنلىكى ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى جاكارلاندى.  

بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقىىسدە بولسا 4 – بولدى.

خەلقئارا مېيىپلارسۇ ئۇزۇش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 8 – دېكابىر جۈمە كۈنى ئاخىرىلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر