تۈركىيە سېربىيەدە «ۋالىدە سۇلتان» جامەسىنى رېمونت قىلماقتا

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى سېربىيەدە «ۋالىدە سۇلتان» جامەسىنى رېمونت قىلماقتا.

تۈركىيە سېربىيەدە «ۋالىدە سۇلتان» جامەسىنى رېمونت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 32 – پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلەزىزنىڭ ئانىسى پەرتەۋنىھال سۇلتان تەرىپىدىن سېربىيەنىڭ سيېنىتسا شەھىرىدە سالدۇرۇلغان «ۋالىدە سۇلتان» جامەسى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن رېمونت قىلىنماقتا.

سېربىيەدە بوشناقلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان «سانجاق رايونى» غا جايلاشقان سيېنىتسا شەھىرىدە 1870 – يىلى سالدۇرۇلغان «ۋالىدە سۇلتان» جامەسى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سۇلتانلار تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان بىردىنبىر جامە ھېسابلىنىدۇ.

1989 – يىلى «مەدەنىيەت يادىكارلىقى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان جامەدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە جامەنى ئەسلىگە ئۇيغۇن ھالدا رېمونت قىلىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى خان جەمەتى تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان ۋە سېربىيەدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان يېگانە جامەنىڭ گۈمبىزىنىڭ يوپۇقلىرى 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، جامەنىڭ گۈمبىزى كېيىنچە مىس بىلەن قاپلانغانىدى.

جامەنىڭ قورۇسىدىكى فونتانمۇ 1944 – يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بومبا تەگكەنلىكتىن ۋەيران بولغان ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانىدى.

1970 – يىلى جامەنىڭ سىرتقى قىسىملىرى رېمونت قىلىنغانىدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر يىلى تاماملىنىشى پىلانلىنىۋاتقان رېمونت قىلىش لايىھەسىدىن كېيىن «ۋالىدە سۇلتان» جامەسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كۆركەم ۋە گۈزەل ھالغا كەلتۈرۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن  مۇلازىمەت باشلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر