قارنى يارىق

تۈرك تائاملىرىدىن تۈركلەرگە خاس «قارنى يارىق» ھەققىدە مەلۇمات.

قارنى يارىق

قارنى يارىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلاردىن بىرى شەك – شۈبھىسىز ھالدا پېدىگەندۇر. ئانا ۋەتىنى ھىندىستان بولغان بۇ كۆكتات تۈرك تائملىرى سېپىگە كېيىن قېتىلغان بولسىمۇ، لېكىن، تۆردىن ئورۇن ئالغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، تۈركىيەدە تۈرى يۈز نەچچىگە يېتىدىغان «پېدىگەن تائاملىرى» باردۇر. پېدىگەن دوخوپكىدا ياكى تاۋىدا ۋەياكى قازاندا پىشۇرۇلىدىغان؛ گۆشلۈك ياكى گۆشسىز؛ سوغۇق ياكى ئىسسىق يېيىلىدىغان ئاساسلىق تائام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

«تۈرك تائاملىرى» ناملىق پىروگراممىمىزدا سىلەرنى «پېدىگەنلىك تائاملار»  ھەققىدە مول مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيمىز. بۈگۈن سىلەرگە «پېدىگەنلىك قارنىيارىق» نى تونۇشتۇرىمىز. قارنى يېرىلغان، سىرتى كېسىۋېتىلگەن دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان «قارنىيارىق» نى ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 6 دانە كىچىك پېدىگەن
  • 200 گىرام قىيما
  • 2 دانە پىياز
  • 3 دانە پەمىدۇر
  • 1 چىش سامساق
  • يېرىم ئىستاكان ياغ
  • مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، قارىمۇچ ۋە قىزىلمۇچ

«پېدىگەنلىك قارنىيارىق» نى ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • ئالدى بىلەن پېدىگەنلەرنى سويۇڭ، ئاندىن، ياغ سىڭىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېرىم سائەت تۇزلۇق سۇدا قويۇڭ، ئارقىدىن سۇدىن چىقىرىپ، يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياغدا داغلاڭ.
  • داغلانغان پېدىگەنلەر سوغۇغان چاغدا، ئالدى بىلەن، كىچىك توغرالغان پىيازلار بىلەن سامساقلارنى تاۋىدا قورۇڭ، ئاندىن قىيمىنى قوشۇپ، تاكى رەڭگى قويۇقلاشقانغا قەدەر پىشۇرۇڭ، ئارقىدىن توغرالغان 2 دانە پەمىدۇر، تۇز ۋە تېتىتقۇلارنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، 10 مىنۇت ئاز ئوتتا پىشۇرۇپ، پەمىدۇرلارغا سۈيىنى يېگۈزۈڭ.
  • پېدىگەنلەرنى بىر پەتنۇسقا قويۇپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۇزۇنىسىغا پىچاق بىلەن كېسىڭ ۋە بىر قېيىققا ئوخشاش ئېچىڭ، ئاندىن قىيمىلىق ماتېرىيالنى پېدىگەنلەرنىڭ ئىچىگە تولدۇرۇڭ، ئارقىدىن پېدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرالغان بىر دانە پەمىدۇر بىلەن بىر دانە مۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • ئايرىم بىر يەردە بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامىنى بىر يېرىم ئىستاكان سۇدا ئېزىپ، پېدىگەنلەرنىڭ ئارىسىغا سېلىڭ.
  • پەتنۇسنى 170 گىراسلۇق ئىسسىقلىقتىكى دوخۇپكىدا 20 – 25 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇڭ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر